تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قىشلىق ھۇجۇم»نى پۇختا ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە «قىشلىق ھۇجۇم»نى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

«قىشلىق ھۇجۇم»نى پۇختا ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە «قىشلىق ھۇجۇم»نى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە «قىشلىق ھۇجۇم»نىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلار ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش غەيرىتى بىلەن، روھنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن كۈچنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرستىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم»نى قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلى چوڭ ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ قىلغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ھەل قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك سۇپا، شۇنداقلا باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «كىمنى يۆلەش» «كىم يۆلەش» «نېمىنى يۆلەش» «قانداق يۆلەش» «ياخشى يۆلىيەلمىسە قانداق قىلىش» «قانداق چېكىندۈرۈش» مەسىلىلىرىنى ئىگىلەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەش، تۈر قۇرۇلۇشى، مەسىلىنى تۈزەشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېنىق ئىشلەپ، ئېنىق سۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشتىكى قەتئىي سىياسىي ئىرادىسى ۋە روشەن سىياسىي پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە قەتئىي غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بەردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىدىغان يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى بوشاشتۇرماي، يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەي، كۈچنى كېمەيتمەي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە ئېغىر نامراتلىق ئىستىھكامىنى قەرەلىدە بىتچىت قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات رايونلار ۋە نامرات نوپۇسنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى جاڭ بو، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋەن خەيچۇەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ