12-ئاينىڭ 10–كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جۇڭيى يېزىلىق شىپاخانىدىكى داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرى جۇڭيى يېزىسى يەنجىڭ كەنتىگە كېلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى زىيارەت قىلىپ، ساغلاملىق جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ شەھىرى شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قاتار ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسىي داۋالىنىش، ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى قاتارلىق كاپالەت لىنىيەلىرىنى ئاچتى، نامرات ئائىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەر ئۈچۈن پۇختا مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)