11-ئاينىڭ 22-كۈنى، لوپ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ تېخنىك خادىمى كۆكتات پارنىكىدا تېرىقچى تۇرسۇنتوختى بارات(سولدا)نىڭ ئادەمگىياھ مېۋىسىنى پەرۋىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىل 4-ئايدا، لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسى باغئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنتوختى بارات گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئادەمگىياھ مېۋىسى مايسىسىنى كىرگۈزدى، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئاستىدا سىناق ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، نۆۋەتتە مېۋىلەر ئارقا-ئارقىدىن پىشىش مەزگىلىگە كىردى. (جوۋ پېڭ فوتوسى)