تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز قۇياش نۇرىغا تولدى

− كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تۇرمۇش، خىزمىتىدىن كۆرۈنۈشلەر (2) 

قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى توخۇلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېزىز قۇربان مېھمانلارغا قورۇما قورۇماقتا. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئېزىز دوستى بىلەن شېرىكلىشىپ بىر ئاشخانا ئاچتى، ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)

تۇرسۇننىسا ئېلى (ئوڭدا) خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا خىزمەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. تۇرسۇننىسا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى مەزگىلىدە تىككۈچىلىك ماھارىتىنى ئىگىلىدى ھەم پۇتۇڭخۇانى ئۆگىنىۋالدى، كارخانىغا كەلگەندىن كېيىن تېزلا سېخ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلەندى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسى چارباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇمەمەتروزى (ئوڭدا) كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئارقا - ئارقىدىن 50 تۇياق كالىنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىپ ھەممىسىنى سېتىپ چىقاردى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

«ھەر كۈنى يېڭى دوستلار كېلىدۇ»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى

ئايگۈزەل ئابلىمىت ئوقۇتقۇچىسىدىن چاچ گۈزەللەشتۈرۈشنى ئۆگەنمەكتە.

ئايگۈزەل ئابلىمىت مېھمانخانىنىڭ ئالدى سۇپىسىدا ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلماقتا.

ئايگۈزەل ئابلىمىت (سولدىن 3 - كىشى) ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.

«كوچا باشقارمىسى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ماڭا ئىنتايىن چوڭ ياردەم قىلدى، مەن ئاكام بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ مېھمانخانا ئاچقاندا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بېجىردىم.» 23 ياشلىق ئايگۈزەل ئابلىمىت ئاقسۇ شەھىرىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگەن مەزگىلدە مېھمانساراي باشقۇرۇش كەسپىنى تاللىدى، تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەپ مېھمانخانا ئاچتى.

ئايگۈزەل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقانىدى، 2018 - يىلى 6 - ئايدا ئايگۈزەل ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەسىھەتى بىلەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگەندى. 2019 - يىلى 4 - ئايدا تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى خۇڭچياۋ مەھەللىسى ئايگۈزەلنىڭ ئۆگەنگەن كەسپىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە پائال ياردەم بەردى، مېھمانخانا ناھايىتى تېزلا تىجارەت باشلىدى.

«ئايگۈزەل مېھمانخانىنى ئېدىتلىق باشقۇردى» دېدى خۇڭچياۋ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەزىلەت ئابدۇۋەلى.

ئايگۈزەل مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتقۇزۇۋالدى، مەن ئارتۇقچىلىقىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مېھمانخانىنى ياخشى باشقۇرىمەن. ھازىر ھەرقايسى جايلاردىن ئاقسۇغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ، مېھمانخانىغا كەلگەنلەر ماڭا نۇرغۇن ياخشى تەكلىپلەرنى بەردى، مەنمۇ شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى».

«كىچىك كۆكتات دۇكىنى قايتىدىن ئېچىلدى»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى، خەۋىرى

نۇرمەمەت تۇرسۇن ئىشلەمچىلىك قىلغان ۋاقىتتا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى پائال ئۆگەندى.

نۇرمەمەت تۇرسۇن كۆكتات دۇكىنىنى خوتۇنىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىپ، ئۆزى ئىشىكى ئالدىدىكى لۈپياۋشياڭ مېۋە - چېۋە، كۆكتات دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

نۇرمەمەت تۇرسۇن خوتۇنى بىلەن كۆكتات دۇكىنىغا خېمىر كېسىش پىششىقلاش ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ، ھەم كەنت ئاھالىلىرىگە قولايلىق ياراتتى، ھەم كىرىمىنى ئاشۇردى.

«ئائىلىمىزدىكى كىچىك كۆكتات دۇكىنى قايتىدىن ئېچىلدى، ياخشى باشقۇرۇشىمىز كېرەك.» خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى خېرۇڭ يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت تۇرسۇن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، خوتۇنى تۇرنىسا ئېزىز بىلەن پاراڭلاشقان تۇنجى ئىش كۆكتات دۇكىنى توغرىسىدىكى ئىش بولدى، «بىز قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشىمىز كېرەك، ئاۋۋال بېرىپ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرەيلى، سىز ساغلاملىق كىنىشكىسى بېجىرىڭ، بىز چۆپ چىقىرىش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ بىرلا ۋاقىتتا چۆپ ساتايلى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كۆكتات دۇكىنىنى سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزغا بېرىمەن».

ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، نۇرمەمەت ھويلىسىغا بىر ئېغىز ئۆي سېلىپ، كۆكتات دۇكىنى ئاچقانىدى. لېكىن ئۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئائىلىسىنىڭ سودا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كۆڭۈل قويمىدى. «بۇلتۇر 3 - ئايدا، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نەسىھەتى بىلەن، مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتىم.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەم ئۆسۈپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى، قانۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەق - ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدۇم.

كىچىك كۆكتات دۇكىنى قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە يىغىن ئاچقاندا ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلدى، بىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، دۇكاننىڭ سودىسى جانلاندى. نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشلەپ پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پىلتە سېتىۋېلىپ لەڭمەن ئېتىش قولاي ھەم ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك دائىم كىچىك دۇكىنىمغا كېلىدۇ. يېقىندا يەنە ئىككى ئاشخانا مېنىڭ چوڭ خېرىدارىم بولۇپ قالدى، كۈندە 50 كىلوگىرام چۆپ سېتىۋالىدۇ».

كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، نۇرمەمەت يەنە ھويلىسىدا بىر پارچە يەرگە كۆكتات تېرىدى، «لازا، شوخلا، سەي كاۋىسى ۋە چىڭسەي بار، يەپ بولالمىساق دۇكاندا ساتساق بولىدۇ».

«ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىسەم، تولىمۇ خىجىل بولىمەن.» نۇرمەمەت سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇقلىمىلىق ئەمىن ئۆيدە ئولتۇردۇق، يەنە تۆت مو ياڭاقلىق ۋە ئىككى پارنىك تەقسىملەندى، ئىككى بالام يەسلىگە كىردى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى بار بولدى... مەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشىم، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇشۇم كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بەخت يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ