تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان» ئىشلارنى چىڭ كۆزلىگەچكە، ئامما تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى:

«ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان» ئىشلارنى چىڭ كۆزلىگەچكە، ئامما تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ ۋېنخاۋ

2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتىكى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئامما غەم قىلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى ھەل قىلىپ، ھەل قىلىش سۈرئىتىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

«مۇشۇ مەزگىلدە، مەھەللىمىزدە ياخشى ئىشلار ناھايىتى كۆپ يۈزبەردى، كۆپچىلىك ئىنكاس قىلغان ئاپتوموبىل توختىتىش، مۇھىت تازىلىقى، زەرەتلەش، مۈلۈك باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەل بولدى، بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق.» 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئولتۇراق رايوندا يېڭىدىن ياسالغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى كۆرۈپ، ئىدىقۇت رايونى كوناشەھەر يولى كوچا باشقارمىسى مەيدان مەھەللىسى مىڭجۇ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى ئوسمان ماخمۇت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئولتۇراق رايوندىكى ئەسلىدە كېرەكسىز نەرسىلەر دۆۋىلەپ قويۇلىدىغان بوش يەر سېمونتلىنىپ، قالايمىقان توختىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ رەتلىك توختىشى ئۈچۈن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ھازىرلاندى، توكسىكلىتلارنىڭ مۇقىم زەرەتلەش تۈۋرۈكى بار بولدى، بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

باش تېما تەربىيەسىدە ئىدىقۇت رايونىدىكى كوناشەھەر يولى كوچا باشقارمىسى مەيدان مەھەللىسى ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان «ئولتۇراق رايونلاردا ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش» «تۇرۇبا تورىنى رېمونت قىلىش تەس بولۇش» «مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش تەس بولۇش» «مۈلۈك باشقۇرۇش تەس بولۇش» «ئۆي كىنىشكىسىنى بېجىرىش تەس بولۇش» قاتارلىق قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3200 كىۋادرات مېتىر يولنى قاتتىقلاشتۇردى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 150نى پىلانلىدى، تۆت جايغا توكسىكلىت زەرەتلەش تۈۋرۈكى ئورناتتى؛ بىر ئولتۇراق رايوننىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى رېمونت قىلىپ، بىر ئولتۇراق رايوننىڭ پار تۇرۇبىسىنى ئالماشتۇردى؛ 32 تۈپ دەرەخنى كۆچۈرۈپ تىكتى، 1000 كىۋادرات مېتىر يەرگە رەڭلىك خىش ياتقۇزۇپ، 11 يۈرۈش چېنىقىش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى؛ ئۇزاققىچە ئۆي - مۈلۈك كىنىشكىسى يوق 72 ئائىلىلىك ئاھالىگە كۆچمەس مۈلۈك كىنىشكىسى بېجىرىپ بەردى، «بەش تەس بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، مەھەللىنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەڭلا ئاشۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.

«مەھەللە ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئالاھىدە ئىنچىكە بولۇپ، نېمىلا ئىش قىلسا ھەممىدە بىزنى ئويلاپ، بىزگە نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، كۆپچىلىك چىن كۆڭلىدىن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ.» 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان بالىسىغا قاراپ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسى 1 - گۇرۇپپىسىدىكى ئاھالە زەيتۇنگۈل ئابلىزنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. زەيتۇنگۈل مۇنداق دېدى: ئۆيىمىزگە ئۈستەل - ئورۇندۇق ئېلىپ باقمىغانىدۇق، ئادەتتە بالام كارىۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلاتتى. بۇ يىل 10 - ئايدا، مەھەللە ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرلىرى بالامغا بۇ بىر يۈرۈش ئۈستەل ئېلىپ بەردى، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ باغرى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باش تېما تەربىيەسىدە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن يۈزتۇرا سەمىمىي سۆزلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئاھالىلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئارقا كوچىلاردا كېچىدە يول يۈرۈش تەس بولۇش قاتارلىق مەھەللە ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقىپ، «ئاشكارا ۋەدە بېرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ۋەدىنى ئاشكارا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، كۆپ تەرەپ 294 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، باغرى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 500 ئوقۇغۇچىغا 500 ئۈستەل ۋە 2000 ئورۇندۇق ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتقاندا مۇقىم ئۈستىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى؛ 460 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، مەھەللىنىڭ 8.3 كىلومېتىر غول يولىغا ۋە ئارقا كوچىلىرىغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرىنى ئورنىتىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كېچىدە يول يۈرۈشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ