تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى

ئاپتونوم رايونىمىز كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى

يېزىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 9180 مەمۇرىي كەنتتە كەنت تازىلىقىنى تۈزەش قانات يايدۇرۇلۇپ، كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ ھەممىسىدە يېزا پاكىز ھاجەتخانىلىرىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان، يېزا پاكىز ھاجەتخانىلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %50.02كە يەتكەن، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن، تۇرمۇش مۇھىتى سىجىل ياخشىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتى بويىچە ئەتىيازلىق جەڭ، يازلىق جەڭ ۋە كۈز، قىشلىق جەڭنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى جەمئىي 18 مىليون 68 مىڭ ئادەم قېتىم ئادەم كۈچى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا سەپەرۋەر قىلغان. ھەرقايسى جايلار يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاش - توشۇش، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى تازىلاش، چارۋا - قۇش باقمىچىلىقىدىن چىققان گەندە، بۇلغانمىلارنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تاشلاندۇقلارنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، يەنە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تاشلاندۇق خارابىلەرنى تازىلاش، ئاشخانىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆي جاھازلىرىنى ئۆيگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشلانغان.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 7532 مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىپ، 7054 مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەمۇرىي كەنت ئومۇمىي سانىنىڭ %82.04، %76.84ىنى ئىگىلىگەن، 1600 مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى شەھەر - بازار تۇرۇبا تورىغا قويۇپ بېرىلگەن ياكى مەركەزلەشتۈرۈش، ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئائىلە بويىچە بۆلۈش شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىنغان.

ھويلا سىرتىدىكى مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلانغان، ھويلا ئىچىدىكى تۇرالغۇ مۇھىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغان. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 94 ناھىيە(شەھەر، رايون) ئۈچ تۈرگە ئايرىپ يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلسە سۇ ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلمىسە سۇ ئىشلەتمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاددىي، ئەمەلىي، قوللىنىشچان، تەننەرخى مۇۋاپىق، تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن، ئامما خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى تاللاپ چىققان، ھەم يېزا ھاجەتخانىلىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش، ئىشلىتىش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇلغان ئېكولوگىيەلىك ئايلىنىش ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» مۇساپىسىنى تېزلەتكەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا پاكىز ئائىلە ھاجەتخانىسىدىن 912 مىڭ 400ى، ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن 4901 يېڭىدىن كۆپەيگەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا پاكىز ھاجەتخانىسى جەمئىي 1 مىليون 636 مىڭ 500گە يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %50.02كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، زىيانسىزلاشتۇرۇلغان پاكىز ھاجەتخانا 1 مىليون 286 مىڭ 600گە يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %39.32كە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ