تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىكىدە مىقدار، سۈپەت، باھانىڭ تەڭ ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئىلمىي باشقۇرۇپ، كېسەللىك زىيانداشلىقىنىڭ ئالدى ئېلىندى - تىزگىنلەندى مۇتەخەسسىسلەر ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا دائىم تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلدى

شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىكىدە مىقدار، سۈپەت، باھانىڭ تەڭ ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چارباغ بازىرى بەخت دەريا كەنتىدىكى چىلان پىششىقلاش زاۋۇتىدا چىلان ئايرىماقتا. بۇ پىششىقلاش زاۋۇتىنى بۇ يىل 4 - ئايدا شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، 50 مىڭ توننا چىلان پىششىقلىدى، شۇ جايدىكى 70 نەچچە ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىدا نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولغان، باغۋەنچىلىك كەسپىدە سۈپەت، مەھسۇلات مىقدارى، باھا تەڭ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئۆرۈك، ياڭاق، بادام قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەرنىڭ سۈپىتى، سېتىلىش باھاسى بىردەك ئۆسكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە شىنشىن 2 - نومۇرلۇق ياڭاقنىڭ ئاق مېغىز بولۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى %60تىن %80كە ئۆرلىگەن، پۇچەك بولۇش نىسبىتى %10تىن تۆۋەنگە چۈشكەن؛ ياڭاق، بادام ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن %15 − %20 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مېۋىلىك باغلارنى رەتلەش، شالاڭلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، مېۋىلىك باغلارنىڭ تۇپراق مۇھىتىنى ياخشىلاش، يەرنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، باغۋەنچىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي ئورۇندالغان ياڭاق، چىلان دەرەخلىرىنى شالاڭلاشتۇرۇش كۆلىمى 1 مىليون 357 مىڭ 600 موغا، شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتاش كۆلىمى 35 مىليون مو قېتىمدىن كۆپرەككە، ئۇلاق ئۇلاش ئارقىلىق سورتى ياخشىلانغان مېۋىلىك دەرەخ 8 مىليون 300 مىڭ تۈپتىن كۆپرەككە يەتتى، جەمئىي 41 مىليون كۇب مېتىردىن كۆپرەك ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىلدى.

مۇشۇ ئاساستا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ھەرقايسى جايلار ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش بېغىنىڭ تۈرلۈك تېخنىكا تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەتراپتىكى مېۋىلىك باغلارغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى. بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 707 مىڭ مو كۆلەمدىكى باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش بېغىدىن 3201ى قۇرۇلۇپ، ئەتراپتىكى 3 مىليون موغا يېقىن باغقا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈركۈم ئۈلگىلەرنى شەكىللەندۈردى.

باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق ئورۇنلار يەنە ھەم نەزەرىيە بىلىمى بار، ھەم ئەمەلىي تەجرىبىسى بار بىر تۈركۈم باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى ئاساسلىق مېۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارغا بېرىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىم تۇرۇپ، يېزا - كەنت كادىرلىرى، باغۋەنچىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى، باغۋەنلەرنى ئاساسلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىپ، ئېتىزدا ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوچۇق دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەربىيەلەشكە تاللاپ ئەۋەتتى. ھازىرغا قەدەر، باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىي 12 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق تېخنىكىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى تەربىيەلىدى، بىر تۈركۈم «يەرلىك مۇتەخەسسىس» «ئېتىز شيۇسەي»لىرىنى يېتىشتۈردى. ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە باغۋەنچىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى(مۇلازىمەت ئەترىتى)دىن جەمئىي 1020سى قۇرۇلۇپ، ئادەم سانى 36 مىڭغا يەتتى، بىر تۈركۈم باغۋەنچىلىك تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جانلىق خىزمەت قىلىپ، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئاساسلىق باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى يەنە «يەرلىك رېتسېپ بىلەن زامانىۋى ئۇسۇل» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكا ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كېسەللىك ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى خۇلاسىلەپ كېڭەيتىپ، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ياڭاق چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان سۇدىن مۇداپىئەلىنىش چەمبىرىكى بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق باغۋەنچىلىك رايونلىرىدا كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىپ، ياڭاق چىرىش كېسىلى يۈزبېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى. يېڭىسار ناھىيەسى ئۆرۈك مېۋە قۇرتىنىڭ غوزەك تۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، مېۋە قۇرتىنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، قۇرت چۈشكەن مېۋە نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، مېۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى. «يەرلىك رېتسېپ بىلەن زامانىۋى ئۇسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن» بىر قاتار پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرى ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىلىرى باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ