12-ئاينىڭ 8-كۈنى، لەي شيۇمېي (ئوتتۇرىدا) ئالمىرە (سولدىن 1-كىشى) نىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن كىتابلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا خەۋىرى) «بىز ھەر كۈنى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز، خۇشال بولىدىغان ئىشلار بولسا بىللە كۈلىمىز، كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا، بىر-بىرىمىزگە يول كۆرسىتىمىز، مەدەت بېرىمىز.» ئۈرۈمچى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىر ساقچىسى لەي شيۇمېي سىڭلىسى ئالمىرە بىلەن تۇغقانلاشقان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئاچا-سىڭىللاردەك ئىناق ئۆتتى.
12-ئاينىڭ 8-كۈنى، 51 ياشلىق لەي شيۇمېينىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر 7-ئايدا تۇنجى قېىتىم مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى مىڭيۈەن ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان ئالمىرەنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا، ئۇ سىڭلىسىنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان ئۈمىدۋار پوزىتسىيەسىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.
38 ياشلىق ئالمىرە بىلەن ئېرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار بولۇپ، بىرى توققۇز ياشتا، يەنە بىرى ئۈچ ياشتا ئىدى، ئېرى شوپۇرلۇق مەكتەپتە تېرېنېرلىق قىلاتتى، كىرىمى مۇقىم بولغىنى بىلەن ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، ئۆيدە يەنە ياشانغان قېيىنئاتىسى بار بولۇپ، ئالمىرە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايتتى. ئۇ ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قېيناتىسى ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «قېينئاتام ۋە بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ماڭا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان ئىش!»
ئالمىرەنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى ئەتىگەن، ئېرى ئىشقا ماڭغاچ چوڭ ئوغلىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدىكەن، ئۇ ئۆيىدە ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، تاماق ئېتىدىكەن. «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالى ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى...» بۇ ئالمىرەنىڭ ھەر كۈنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا ئەڭ ياخشى كۆرۈپ غىڭشىيدىغان ناخشىسى ئىكەن.
لەي شيۇمېي ئالمىرەنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى ۋە ياخشى مىجەزىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، ئىككىسىنىڭ ھېسسىياتى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلاشتى.
لەي شيۇمېي ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەدەبىي كىتابلار ۋە ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئالمىرە بىلەن تەڭ بەھرىلەندى. ھەر ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرىنى ئىككى ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ بىرگە ئۆتكۈزەتتى، بۇ چاغدا ئالمىرە دائىم كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ئۆگەنگەن قورۇمىلىرىنى قورۇپ بېرەتتى.
ئالمىرەنىڭ چوڭ ئوغلى لەي شيۇمېي سۆزلەپ بەرگەن قەھرىمان ساقچىلار ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلاشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «چوڭ بولغاندا ساقچى بولۇپ ۋەتەننى قوغدايمەن.» ئۈچ ياشلىق ئوغلى ھېكايىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق لەي شيۇمېينىڭ ئۆزىنى كۆتۈرۈپ چۆرگىلىتىپ ئوينىتىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر قېتىم شيۇمېي كېتىدىغان ۋاقىتتا، ئىككى ئوغۇل پۇتىغا ئېسىلىۋېلىپ كەتكىلى قويمايدۇ.
«لەي ئاچامنىڭ دائىم كېلىپ خوتۇنۇمغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ بەرگىنىگە، خوتۇنۇمغا نۇرغۇن كىتابلارنى سوۋغا قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت» دېدى ئالمىرەنىڭ ئېرى مەمەت ئىمىن: «بىز ئىككى ئائىلىلىك ئاددىي ئەمما خۇشال، مەن دائىم خوتۇنۇمغا، لەي ئاچام ئىككىڭلار بىر- بىرىڭلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىساڭلارلا، ئۆمۈرلۈك ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولالايسىلەر دەيمەن!»