تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۆ لىڭ خەۋىرى): ساۋەن مەززىلىك تائاملىرى بار، گۈزەل مەنزىرىلىك، كەلسە يەنە كەلگۈسى كېلىدىغان جاي. خۇددى ساياھەتچى «رويوۋسوسى سو» ئېيتقاندەك: «شىنجاڭغا بارغاندا چوقۇم ساۋەنگە بېرىش كېرەك، ساۋەنگە بارغاندا چوقۇم داپەنجى يېيىش كېرەك، داپەنجىنى يەپ بولۇپ، ئارشاڭغا چۈشۈپ، قار مەنزىرىسىنى كۆرۈش كېرەك».
ساۋەن ناھىيەسى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي يانتۇلۇقىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شىخەنزە شەھىرى، شىخو شەھىرى قاتارلىق بەش ناھىيە، شەھەر بىلەن قوشنا، پۈتۈن مەملىكەتكە داڭقى كەتكەن مەززىلىك تائام داپەنجىنىڭ ماكانى. ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، بۇ جايدا مۇزلۇق، قارلىق چوققا، ئورمان، جىلغا، دەريا، ئارشاڭ، تاغ، يايلاق، سازلىق، كۆل، قۇملۇق قاتارلىقلار بار، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ.
11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، «شىنجاڭ ياخشى جاي . ساياھەتچىلەرنىڭ غەربكە ساياھىتى 8-پەسلى — قىشتا شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ساياھەتچىلەر ساۋەنگە كېلىپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىلەرنى ھېس قىلدى ھەم خاتىرىلىدى.
ساۋەن ئارشىڭى: ئارشاڭغا چۈشكەچ قار مەنزىرىسىنى كۆرگەندە، ئادەم ئۆزىنى بەئەينى سېھىرلىك ئالەمدە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ
ساۋەن ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 59 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، قورغاس دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، بۇ جايدا سۈيى سۈپسۈزۈك، چىقىش ئېغىزىدا گاز كۆپۈكچىلىرى چىقىپ تۇرىدىغان يۇقىرى ئىسسىقلىقتىكى ھىدروگېن سۇلفىدلىق بۇلاق بار. ئارشاڭ مەنزىرە رايونى لۇجياۋۋەن، دۇڭداتاڭ مەنزىرە رايونى بىلەن تۇتىشىپ، يېڭى بىرلەشمە مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار ئارىسىدا زىچ تارقالغان قارلىق تاغ شەمشادلىرى، چوڭقۇر جىلغا، قويۇق ئورمان بولۇپ، بۇ جايدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃14 بولىدۇ، بۇ، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدىغان، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدىغان ئىستىراھەت ساياھىتى قىلىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر ساۋەن ناھىيەسىدىن يولغا چىقتى، ئاپتوموبىل بىلەن تەخمىنەن بىر سائەت يول يۈرۈپ، ساۋەن ئارشاڭ ساياھەت ئىستىراھەت رايونىغا يېتىپ كېلىپ، ئارشاڭ ساياھەتچىلەر ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى، ئارشاڭ ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، ئارشاڭ كۈتۈنۈش رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى زىيارەت قىلىپ، قىش پەسلىدە سىرتتا ئارشاڭغا چۈشۈپ قار مەنزىرىسى كۆرۈش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى، ئۇلار فوتوئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ساۋەن ئارشىڭىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى خاتىرىلىدى ۋە تارقاتتى.
لۇجياۋۋەن: بىر تاغدا تۆت پەسىل، ئون چاقىرىمدا بىر كىلىمات
لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونى ساۋەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي يانتۇلۇقىدىكى تاغ چوققىلىرى ئىچىدە بولۇپ، چوڭ لۇجياۋۋەن، كىچىك لۇجياۋۋەن ۋە رادار تاغلىق كەنتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەنزىرە نۇقتىسىدىن تەركىب تاپقان، قارلىق تاغ مەنزىرىسى ۋە ئورمان، يايلاق بىر گەۋدە قىلىنغان دۆلەت ئورمان باغچىسىدۇر. بۇ جاي «بىر تاغدا تۆت پەسىل، ئون چاقىرىمدا بىر كىلىمات» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. لۇجياۋۋەندە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا قىشتا ℃14-، يازدا ℃20 بولىدۇ، يىللىق يامغۇر مىقدارى mm600دىن ئاشىدۇ. لۇجياۋۋەن ئەتراپى ئىلگىرى تىيانشان تايغان بۇغىلىرى كۆپىيىپ ياشايدىغان جاي ئىدى، توپ-توپ تايغان بۇغىلار ھەر يىلى بىر قېتىم مۈڭگۈز پوستىنى تاشلايدۇ، ئۇلار تاغ جىلغىسى، سۇ بويىلىرىدا زور مىقداردا بۇغا مۈڭگۈزى پوستى قالدۇرغاچقا، بۇ جاي شۇنداق ئاتالغان.
«لۇجياۋۋەن، مەن كەلدىم!» ساياھەتچىلەر لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونىغا كېلىپ كۆز ئالدىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن تاڭ قالدى، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشتى، ئۇلارنىڭ شاۋقۇنلۇق ئاۋازىدىن قارىغاي شاخلىرىغا قونغان قار گۈللىرى يەرگە چۈشتى.
شىخو-ساۋەن يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى: بىر پارچە «تىرىك گېئولوگىيە تارىخى قوللانمىسى»
شىخو-ساۋەن يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى يەنە خۇڭسەن چوڭ جىلغىسى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ساۋەن ناھىيەسى يەنسىخەي بازىرىنىڭ غەربىدىكى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە بەلبېغىغا جايلاشقان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەسى ساۋەن داپەنجىسى ۋە تىيانشان ئارشىڭى قاتارلىق مول ساياھەت بايلىقىنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، تېغى گۈزەل، سۈيى گۈزەل، كىشىلىرى گۈزەل، قۇملۇقى گۈزەل، مېۋىسى گۈزەل، يىپەك يولى گۈزەل ساياھەت مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.