تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى دەل جايىدا بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، سىياسەت كاپالىتى جايىدا بولۇش، مەبلەغ سېلىنمىسى جايىدا بولۇش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش جايىدا بولۇش، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇشى جايىدا بولۇش، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتى جايىدا بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلىشى جايىدا بولۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى قوللاش جايىدا بولۇش، ئاممىنىڭ قاتنىشىشى جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ قورغاننى ئالىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ قىيىننىڭ قىيىنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى، جەمئىيەت ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نىشان، ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ مۇتلەق نامراتلىقنى ھەل قىلىپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىجىل دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگۈچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئورتاق تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ھەمكارلىشىپ تۇتۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ