تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ يىنيى خەۋىرى): يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا. مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 609 نامرات ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، بۇ يىل ۋىلايەت بويىچە 32 مىڭ 743 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن سېلىنغان 30 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن.
بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى «2019-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى پىلانى ۋەزىپىسىنى چۈشۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، بۇنىڭدا ۋىلايەتنىڭ 2019-يىللىق يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى 31 مىڭ 519 ئائىلە قىلىپ بېكىتىلدى، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىدىن يەنە 1224ى كۆپەيگەن بولۇپ، ئومۇمىي ۋەزىپە جەمئىي 32 مىڭ 743 ئائىلە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئائىلە 27 مىڭ 755، تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكت ئائىلىسى 4988 (ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 609، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىدىن 4343، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىن 36نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
ھازىرغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە ئادەتتىكى ئائىلىلەر ۋە تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبېيكتلارغا ئۆي سېلىشتا قۇرۇلۇش باشلاش ۋە تاماملاش نىسبىتى %100 نىشانىغا يەتكەن بولۇپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ 32 مىڭ 743 يۈرۈش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى