تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قىشتا پۇت چىلاشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

    كونىلاردا:«ئىسسىق سۇغا پۇت چىلاش، قۇۋۋەت دورىسى ئىچكەندىمۇ پايدىلىق» دەيدىغان گەپ بار. ئىسسىق سۇغا پۇت چىلاش قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان كۈتۈنۈش ئۇسۇلى، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئىسسىق سۇغا پۇت چىلىغاندا سوغۇقنى ھەيدەپ، بەدەننى ئىللىتىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى ۋاڭ لېرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۇت چىلاپ كۈتۈنۈش بىر خىل ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى بولۇپ، پۇت چىلاپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، پەللىلەرنى غىدىقلاپ، سوغۇقنى ھەيدىگىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. قىشتا پۇت چىلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن. 
    قىشتا پۇت چىلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
    ۋاڭ لېرۇڭ مۇنداق دېدى: ئەل ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ «قىشتا پۇتنى چىلىسا، دەنتيەن پەللىسى ئىسسىيدۇ» دېگەن گەپ بار، قىشتا پۇت چىلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى:
   بىرىنچىدىن، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ. پۇتنى چىلىغاندا داسقا يىرىك شېغىل قوشۇپ، بىر تەرەپتىن پۇتنى چىلىغاچ بىر تەرەپتىن پۇتنى شېغىلغا سۈركەپ بەرسە تالنى ساغلام قىلىپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
   ئىككىنچىدىن، تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قىشتا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نېرۋا تومۇرلىرىنىڭ ئاخرىقى ئۇچىنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولماي قول-پۇتى مۇزلايدۇ. ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاپ بەرسە قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۇت-قول مۇزلاش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. 
   ئۈچىنچىدىن، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە يەڭگىللەپ قالىدۇ. تاپاندا نۇرغۇن پەللىلەر، رېفلېكس رايونى، جىڭلو (ئادەم بەدىنىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسى) لار بار بولۇپ، ئەگەر دائىم پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەرسە ياكى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ساقلىقنى ساقلاشقا پايدىلىق. 
  تۆتىنچىدىن، باش ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. پۇتنى 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىق سۇغا تەخمىنەن 20 ~ 15 مىنۇت چىلاپ بەرسە، باش ئاغرىق پەسىيىدۇ. چۈنكى ئىككى پۇتتىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان باشتىن پۇتقا قاراپ ئېقىپ، مېڭىگە قان تولۇش ئەھۋالى ئازىيىدۇ-دە، باش ئاغرىقى پەسىيىدۇ.

    پۇت چىلىغاندا «خۇرۇج» قوشۇۋەتسە، سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق
    كۆپ قىسىم كىشىلەر پۇتىنى بىۋاستە ئىسسىق سۇغا چىلايدۇ، دوختۇر ۋاڭ لېرۇڭ پۇتنى چىلايدىغان سۇغا ئازراق «خۇرۇج» قوشۇۋېتىش تەكلىپىنى بەردى. ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، «خۇرۇج» نى تاللىسا بولىدىكەن، ئالدى بىلەن «خۇرۇج» نى قازانغا سېلىپ سۇدا قاينىتىپ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى نورمال ھالەتكە كەلگەندە پۇتنى تەكرار يۇيۇپ بەرسە بولىدىكەن. 
    ئەمەن يوپۇرمىقى: تەمى قىرتاق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىڭلولارنى ئىللىتىپ قاننى توختىتىش، سوغۇقنى ھەيدەپ ئاغرىقنى توختىتىش، نەملىكنى ھەيدەپ قىچىشىشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. بەدەندە نەملىك ئېغىر بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، تېرە قىچىشىش، سوغۇقتىن زۇكامداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كىشىلەر ئەمەن يوپۇرمىقى بىلەن پۇت چىلاپ بەرسە كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
    زەنجىۋىل: تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى قىرتاق بولۇپ، تومۇرلارنى ئېچىش، ئىللىتىش، سوغۇقنى ھەيدەش رولىغا ئىگە. زەنجىۋىل بىلەن پۇتنى چىلاش قول-پۇت مۇزلاش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سوغۇقتىن بولىدىغان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    كاۋاۋىچىن: كاۋاۋىچىن جۇڭيى دورىلىرى ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ يەلنى، سوغۇقنى ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە. كاۋاۋىچىن سۈيىگە پۇتنى چىلاپ بەرسە قان تومۇر راۋانلىشىپ، پۈتۈن بەدەن ئىللىيدۇ. 

    تۇرۇپ: پۇتى پۇرايدىغانلار تۇرۇپ سۈيىگە پۇتىنى چىلاپ بەرسە پۇتىدىكى سېسىق پۇراق يوقايدۇ.
    پۇتنى چىلىغاندىن كېيىن، تاپاننى ئۇۋۇلاپ بېرىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى كۆپ
    پۇتنى چىلاپ بولغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى پۇتنىڭ ئالقىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ھارغىنلىقنى چىقىرىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. مەسىلەن، پۇل ئالقىنىنىڭ ئۈستۈنكى يېرىمىدىكى 1 سانتېمېتىر كېلىدىغان ئورۇن بۆرەكنىڭ رېفلېكىس رايونى بولۇپ، شۇ جايدىن تاپانغىچە، قىزىغۇچە ئۇۋۇلاپ بەرسە بۆرەك ئاجىزلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ؛ ئۆكچىنىڭ ئىچكى يۇمىلاق قىسمىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئۇيقۇسىزلىق رېفلېكىس رايونى بولۇپ، ئاغرىپ قىزارغۇچە ئۇۋۇلاپ بەرسە باش قېيىپ، كۆز تورلىشىش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ؛ ئوشۇق سۆڭىكى ئاستىنىڭ ئىچ-تېشىنى ئاغرىغۇچە قىرىپ بەرگەندە، مەزى بېزى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    پۇتنى چىلىغاندا سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتىلار
    ھەرقانداق كۈتۈنۈش ئۇسۇلى ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، شۇڭا توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلىگەندىلا، كۈتۈنۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. دوختۇر ۋاڭ لېرۇڭ پۇت چىلىغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
    بىرىنچى، پۇت چىلىغاندا ئەڭ ياخشىسى چوڭ ھەم چوڭقۇر ياغاچ چېلەك ئىشلىتىش، سۇنىڭ ئورنى پاقالچاقنىڭ يېرىمىدىن ئېشىشى، پۇت يۇيىدىغان چېلەكنى پاكىز تۇتۇش كېرەك. پۇتنى 45~40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇغا تەخمىنەن 30 مىنۇت چىلىسا، ئەگەر سۇ سوۋۇپ قالسا 2 ~ 1 قېتىم قىزىق سۇ قوشسا بولىدۇ. 
   ئىككىنچى، پۇت چىلاشنىڭ ئالدى ياكى كەينىدە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋەتسە، ماددا ئالماشتۇرۇشقا ۋە سۇ تولۇقلاشقا پايدىلىق. تاماقتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بىر سائەتتە پۇت چىلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا پۇت چىلىغاندا ئىشتىھاغا ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز.
   ئۈچىنچى، پۇت چىلاشقا ماس كەلمەيدىغانلار: پۇت تەمرەتكىسى قاتارلىق پۇت تېرە كېسەللىكىلىرى بار بىمارلار پۇت چىلاشقا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىسسىق سۇ پۇتتىكى قىلدام تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، ئىككىلەمچى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ پۇت قايرىلىپ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەندە، ئەگەر يارا ئېغىزى بولسا، يارا ئېغىزىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۇت چىلىماسلىق كېرەك؛ پاقالچاقنىڭ ۋىنا تومۇرى
 ئەگرى-بۈگرى، كېڭەيگەن ۋە ۋىنادا قان نۇكچىسى پەيدا بولغان كىشىلەرمۇ پۇت چىلاشقا ماس كەلمەيدۇ. ئىسسىق سۇغا پۇت چىلاپ بەرسە، پاقالچاقنىڭ ئارتېرىيەسى كېڭىيىپ، تېرىگە قان تولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئارتېرىيە قېنى پاقالچاققا قاراپ ئاقىدۇ، ۋېنانىڭ قايتما ئېقىش يۈكىنى ۋە قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

   تۆتىنچى، قان بېسىم، زىققا، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى پۇتىنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلىسا مۇۋاپىق، ئەگەر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە چىلاش ۋاقتىنى ئۇزارتسىمۇ بولىدۇ.
  بەشىنچى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ پۇت نېرۋىلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان سەزگۈرلىكى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، پۇتىنى ئاسانلا كۆيدۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرى پۇت چىلاشتىن بۇرۇن، ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   ئالتىنچى، بالىلار بەك ئىسسىق سۇغا پۇتىنى ئۇزاق چىلىماسلىقى كېرەك. چۈنكى تاپان يايى ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىن باشلاپ يېتىلىدىغان بولغاچقا، كىچىكىدىن تارتىپ ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆسمۈرلەر دائىم ئىسسىق سۇدا پۇت يۇيسا، تاپان سىڭىرى بوشىشىپ، تاپان يايىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ياخشى ساقلىنىشىغا پايدىسىز بولىدۇ ۋە ئاسانلا تۆگىتاپان بولۇپ قالىدۇ.

  يەتتىنچى، «خۇرۇج»نى قارىغۇلارچە قوشۇشقا بولمايدۇ. پۇت چىلايدىغان سۇغا جۇڭيىچە دورا قوشماقچى بولسا، ياخشىسى ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىغا ئاساسلىنىشى ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك.


«خەلق تورى» دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ