تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«مەنزىرىلەرنى يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىق «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى» مەسىلىلىرىنى تۈزەش كېرەك

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

«مەنزىرىلەرنى يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىق «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى» مەسىلىلىرىنى تۈزەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «<مەنزىرىلەرنى يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى>نى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىق <سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى> <يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى> مەسىلىلىرىنى تۈزەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، «مەنزىرىلەرنى يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىق «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى» مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈزەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، باھالاشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزەش خىزمىتىنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەنزىرىلەرنى يورۇقلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ھالدا قارىغۇلارچە ياساپ، خەلقنى قاقشىتىپ، مال - مۈلكىگە زىيان سالىدىغان «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى» قىلىش، بىر قىسىم جايلاردا، بولۇپمۇ نامرات رايون، ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىكى شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە بايقىلىپ، دۆلەت مالىيە كۈچى ۋە جەمئىيەت بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ساختىپەزلىك قىلىش، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قىلىشتەك ناچار كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەل جايىدا ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك، ياخشى تۇتۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆگىنىش - تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ شەھەر، ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە مالىيە كۈچى سەۋىيەسىگە ئاساسەن، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرگەن ھالدا شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ئىشلارغا تۈرتكە بولۇپ، مالىيە كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ساھەلەرگە ئىشلىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، خەلق ئاممىسى غەم قىلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆزىنى تەكشۈرۈش، باھالاشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەستايىدىل تۈزىتىش، قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. زۆرۈر بولغان يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، كەڭ دائىرىدە ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئۆز جايىنىڭ مەنزىرىلەرنى يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق شەھەر - بازار قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قارىتا رەتلەش، باھالاش ئېلىپ بېرىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە زىت بولغان، بايلىق، مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن، يەرلىك مالىيە كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ بولغان «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى»نىڭ ساقلانغان - ساقلانمىغانلىقىغا قاراپ، بىر تۈردىن - بىر تۈردىن سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشنى كۆزلەپ، مەۋقەنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قويۇپ، تەكلىپ، يىرىك پىلان، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ مۇناسىۋەتلىك مېخانىزملارنى قۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى»نى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر)لىك پارتكوم رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ئۆزىگە تەتبىقلاپ، تۈزەش خىزمىتىنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇپ بولغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان مەنزىرىلەرنى يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قارىتا، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىش جەريانىدا چۇۋۇپ تاشلاپلا بولدى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېڭى ئىسراپچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق كېرەك. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تۈزىتىشنى جايىدا قېلىپلاشتۇرۇپ، چەتنەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ