تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي يۈيۇڭ فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، 5000 ئادەم سىغىدىغان شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى ئارىشاڭ قار تېيىلىش مەيدانى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.
بۇ قار تېيىلىش مەيدانى باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، تېرەك ئارىشىڭىغا ئاران بىر كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 12 مىليون 900 مىڭ يۈەن بولۇپ، كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، قار تېيىلىش رايونى، قار ئويناش رايونى ۋە دالا رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىم بولۇپ، تەمىنلەنگەن تۈرلەردىن قار تېيىلىش چاقى، قار تېيىلىش تاختىسى، قارلىق موتوسىكلىتى، قارلىق ۋېلىسىپىتى، قارلىق تانكىسى، قارلىق سوقۇلما ماشىنىسى قاتارلىقلار بار.
تىجارەت باشلىغان كۈنى، قار تېيىلىغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 1200دىن ئاشتى. «بۈگۈن مەن قار تېيىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، گەرچە قار تېيىلىشقا تېخى پىششىق بولمىساممۇ، لېكىن بەك خۇشال بولدۇم» دېدى گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى خۇي جېمىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.
قىشلىق ساياھەتنى داۋاملىق جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، باي ناھىيەسى قار-مۇز مەدەنىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، «قار-مۇز+»دىن ئىبارەت يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، باي ناھىيەسىنىڭ قىشلىق خاس ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، قار-مۇز ساياھىتى، قار-مۇز مەدەنىيىتى، قار-مۇز تەنتەربىيەسىنى ۋاسىتە قىلىپ، باي ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە كۈچ قوشتى.
باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاۋ جياڭپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باي ناھىيەسى تىيانشان تېغى جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تىيانشان يانباغرىغا يېقىن، مول قىشلىق ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، ساياھەتچىلەر ھەم قارىغاي بىلەن قاپلانغان بىپايان قارلىق دالىدىن بەھرە ئالالايدۇ، ھەم ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغ مۇز شارقىراتمىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، يەنە مۇز يۈزىدە لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشەلەيدۇ ياكى ئارىشاڭغا بېرىپ يۇيۇنۇپ، كۆڭۈل ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قىش ھىدىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.
«بۇ يىل بىز دەسلەپكى قەدەمدە بازار ئاچتۇق، كېلەر يىلى 50 مىليون يۈەن سېلىنما سېلىپ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولى ياساپ، قار تېيىلىش كەسپىنى كەسىپلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دېدى ئارىشاڭ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى خۇ چاۋ.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى