شىنخۇا تورى خەۋىرى: بىر مەيدان قارغا ئەگىشىپ، سەنمېنشيا گەنشەن دۆلەت ئورمان باغچىسىدا، بىر نەچچە قىزىل قورساق قىرغاۋۇل قاردا خۇشال ئويناپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، تاغ ئىچىدىكى قار مەنزىرىسىگە گۈزەللىك قوشۇپ، ناھايىتى گۈزەل بىر پارچە يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈردى.
قىزىل قورساق قىرغاۋۇل يەنە رەڭدار قىرغاۋۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىشىلەر ئۇنى «ئوت سۇمۇرغ» دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇ دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئالاھىدە تۈر ھېسابلىنىدۇ. ئەركەك قىرغاۋۇلنىڭ پەيلىرى رەڭدار، تاجى ئالتۇن رەڭلىك يىپسىمان پەيدىن تۈزۈلگەن، پۈتۈن بەدىنىدىكى پەينىڭ رەڭگى ئۆزئارا بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ؛ چىشى قىرغاۋۇلنىڭ ئارقا بوينى قارامتۇل قوڭۇر بولۇپ، قالغان پەيلىرى قوڭۇر، سېرىق رەڭدە. سەنمېنشيا شەھىرى قىزىل قورساق قىرغاۋۇلنىڭ مۇھىم ئەسلىي ماكانىنىڭ بىرى، ئاساسلىقى گەنشەن، يەنزى تېغى، يۈخۇاڭ تېغى دۆلەت ئورمان باغچىسى ۋە شىياۋچىنلىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ماكانلاشقان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنمېنشيا شەھىرى قىزىل قورساق قىرغاۋۇلنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقان، ھازىر گەنشەن دۆلەت ئورمان باغچىسىدا قىزىل قورساق قىرغاۋۇلنىڭ سانى 3000 دىن ئاشقان بولۇپ، گەنشەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ گۈلىستانىغا ئايلانغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (رېن جياڭ فوتوسى)