ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋىرى): 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇنغىچە، كېلەر يىللىق ئۆگزىدىن سۇ ئۆتۈشتىن ساقلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىش تۈرىگە ئىلتىماس قىلىدىغان شۇنداقلا شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئولتۇراق رايون خوجىلىق شىركەتلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خوجىلىق مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
11- ئاينىڭ 28- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى خوجىلىق مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر قايسى خوجىلىق شىركەتلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئىشلىتىپ، تاۋار ئۆي ئولتۇراق رايونى ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن چوڭ، ئوتتۇرا رېمونت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى ۋاقتىدا يولغا قويۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى خوجىلىق شىركەتلىرىنىڭ 2020- يىللىق چىقىم رېمونت مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىشىگە توغرا كېلىدىكەن.
بولۇپمۇ ئۆگزىدىن سۇ ئۆتۈشتىن ساقلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىش تۈرىنى 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇنغىچە يۇقىرىغا يوللاش كېرەك.
ئىلگىرىكى يىللاردا خوجىلىق شىركىتى ئىلتىماس قىلغان رېمونت مەبلىغىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئۆگزىدىن سۇ ئۆتۈشتىن ساقلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىش تۈرى بىر يىلدىكى رېمونت مىقدارىنىڭ %70 ىنى ئىگىلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2000- يىلدىن باشلاپ خوجىلىق مەخسۇس رېمونت مەبلىغى توپلاشقا باشلىغان، ھازىر شەھەر بويىچە جەمئىي 1945 ئولتۇراق رايون بار بولۇپ، 858 مىڭ 500 ئائىلىلىككە رېمونت مەبلىغى تۇرغۇزغان.