تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

نيۇ خۇەيدۇڭ: ئىتتىپاقلىق مېۋىسى چىلاندىنمۇ تاتلىق

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

كەچ كۈز كىردى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرىدىكى نەچچە مىڭ مو چىلان پىشىشقا باشلىدى، چىلانچى دېھقانلارغا تېخنىكا ئۆگىتىدىغان نيۇ خۇەيدۇڭ چىلانچى دېھقانلار بىلەن مول ھوسۇل شادلىقىدىن بەھرىمەن بولماي، ئەكسىچە شەرققە ماڭغان پويىزغا ئولتۇرۇپ، يول بويى چىلان تونۇشتۇردى.

«كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، چىلىنىمىزنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى. مەن بۇ قېتىم جېڭجوۋ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ بازار ئىزدىدىم، توقسۇنىڭ چىلىنى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى» دېدى نيۇ خۇەيدۇڭ 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېفوندا مۇخبىرغا.

2002 - يىلى، نيۇ خۇەيدۇڭ يۇرتى سەنشىدىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا كېلىپ چىلان ئۆستۈردى. ئىزدىنىشكە ئامراق، تېخنىكىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇ كەڭ باغۋەنلەر تەرىپىدىن مېۋە كۆچىتى يېتىشتۈرۈشتىكى «قامۇس» دەپ ئاتالدى؛ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ باھالاندى.

نيۇ خۇەيدۇڭنىڭ يەنە نۇرغۇن سالاھىيىتى بار: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ چىلانچىلىق تېخنىكىسى مەسلىھەتچىسى، توقسۇ ناھىيەسى شياۋنيۇ مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى يانداق كەنتىنىڭ پەن - تېخنىكا مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىقلار. ھەر قېتىم باشقىلار ئۇنى «دائىم زىيان تارتىدىغان ئىش قىلىدۇ» دېگەندە، ئۇ ھەمىشە كۈلۈپ تۇرۇپ: «كىم مېنى زىممىسىگە بۇنچە كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئارتىۋالسۇن دەپتۇ!» دەپ جاۋاب بېرەتتى.

يانداق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايدىن نۇردۇن تاتلىق چىلاننى تېتىغاچ، تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «نيۇ شۇجى يۇرتداشلارغا بەك كۆپ ياردەم بەردى، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ مېۋە دەرەخلىرىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، بىزگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېۋىسىنىڭ چىلاندىنمۇ تاتلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى».

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، نيۇ خۇەيدۇڭ خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ توقسۇ ناھىيەسىگە كەلگەندە، بۇ يەردە پەقەت يەرلىك ئەنئەنىۋى چىلان سورتىلا بار بولۇپ، دانىسى كىچىك، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلەم شەكىللەنمىگەنىدى. نيۇ خۇەيدۇڭ شۇ جاينىڭ تۇپراق سۈپىتى ۋە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا ئەلا سۈپەتلىك جۈنزاۋ چىلىنى ۋە خۈيزاۋ چىلىنىنى كىرگۈزدى ھەم پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ پۈتۈن ناھىيەدە كېڭەيتتى.

نيۇ خۇەيدۇڭ ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باغۋەنلەرگە قولمۇقول تېخنىكا ئۆگەتتى. ئۇ تېخنىك خادىم ھەم تەشۋىقاتچى، پىدائىي بولۇپ، قايسى باغۋەننىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن مەسىلە بولسا، ئۇ ئولتۇرۇپ باغۋەن بىلەن سەمىمىي سىرداشتى؛ قايسى باغۋەننىڭ ھەل قىلالمىغان قىيىنچىلىقى بولسا، ئۇ ياردەم قولىنى سۇندى.

2009 - يىلى، نيۇ خۇەيدۇڭ يانداق كەنتىدە باشلامچى بولۇپ توقسۇ ناھىيەسى شياۋنيۇ مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. ئۇ دائىم ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرىنى دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، پەرۋىش قىلىشىغا ھەقسىز ياردەم بەردى، شۇنداق قىلىپ ھەم نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپى چىلىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

توقسۇ ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەر چىلىنىنى شياۋنيۇ مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرتۇتاش پىششىقلىشىغا سېتىپ بېرىشنى خالايدۇ، چۈنكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بازارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىدىن يۇقىرى ئىدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، بازارنىڭ چىلان بىلەن تەمىنلەش مىقدارى زورىيىپ، باھاسىدا سەل تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم باغۋەنلەرنىڭ ھوسۇلى ۋە كىرىمى ئازايدى. نيۇ خۇەيدۇڭ ئىنتايىن ئەنسىرىدى، 2018 - يىلى، شياۋنيۇ مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئوبوروت قىلىش، ھۆددىگە ئېلىش ۋە «كارخانا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەندىزە ئارقىلىق 1500 مو كۆلەمدىكى ئەلا سۈپەتلىك چىلان، ياڭاق بازىسى قۇرۇپ، 292 ئائىلىدىكى 1368 كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەركەزلىك ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، باغۋەنلەرنى يەر ئوبوروت ھەققى ۋە ئىشلەمچىلىك ھەققىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كىرىمگە ئېرىشتۈردى، يانداق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى چىن كۆڭلىدىن نيۇ خۇەيدۇڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. 2018 - يىلى 5 - ئايدا، يانداق كەنتى پەن - تېخنىكا مۇئاۋىن شۇجىسى سايلىغاندا، نيۇ خۇەيدۇڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى.

بۇ يىل، شياۋنيۇ مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىگە تايىنىپ، ئىچئېرىق بازىرىنىڭ 20 كەنتىدىكى 737 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ 4189 مو مېۋىلىك بېغىنى ھەر مو يەرنى 475 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش - ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بىرتۇتاش ھالدا نامرات ئائىلىلەرنىڭ بېغىدا مېۋە دەرەخلىرىنى چاتاش، زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، چېچەك ئاسراش، مېۋىسىنى ئاسراش قاتارلىق تېخنىكا مۇلازىمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ