11- ئاينىڭ 30- كۈنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئاق قېيىن ئورمانلىقى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لىيۇ شىخې خەۋىرى، فوتوسى) بۇ ئومۇمىي كۆلىمى 247 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئاق قېيىن ئورمانلىقى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىغا تارقالغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىپتىدائىي ھالىتىنى ئەڭ ياخشى ساقلىغان تەبىئىي ئاق قېيىن ئورمان بەلبېغىدۇر. قىش پەسلىدە، بوشلۇقتىن ئاق قېيىن ئورمانلىقىغا نەزەر سالغىنىڭىزدا، ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئاق قېيىن ئورمانلىقىدىن يىلاندەك كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، پۈتكۈل قېيىن ئورمانلىقىنىڭ خۇددى ھەيۋەتلىك سۇ بوياق رەسىمگە ئوخشاش ھەيۋەتلىك گۈزەل تۈسكە كىرگەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز.