11- ئاينىڭ 29- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زاۋجۇاڭ شەھىرى تەيئېرجۇاڭ رايونى جاڭشەنزى بازىرى خوۋتاڭ كەنتىدىكى گۈل-گىياھ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش پارنىكىدا جۇخارگۈلى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2019-يىلى 5- ئايدا، شەندۇڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھىرى تەيئېرجۇاڭ رايونى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى 2 مىليون 300 مىڭ يۈەننى جاڭشەنزى بازىرى خوۋتاڭ كەنتىدىكى تەخمىنەن 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىرلەشمە گۈل-گىياھ پارنىكىغا سېلىپ، ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولغان بەيشەن، جىنشەن، شىنما قاتارلىق جۇخارگۈلى تۈرىنى تېرىدى، بىرىنچى تۈركۈمدىكى بەيشەن جۇخارگۈلى ئۈزۈۋېلىش مەزگىلىگە كىردى. يېڭى جۇخارگۈلى ئىشچىلار تەرىپىدىن ئۈزۈپ، ئايرىپ، ئورالغاندىن كېيىن بازارغا سېلىندى، تۈنجى تۈركۈمدىكى 600 مىڭ تال بەيشەن جۇخارگۈلى ياپون، كورېيەگە سېتىلىپ، 26 نامرات ئاھالىلىكنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. (فەن چاڭگو فوتوسى)
11- ئاينىڭ 29- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شەندۇڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھىرى تەيئېرجۇاڭ رايونى جاڭشەنزى بازىرى خوۋتاڭ كەنتىدىكى گۈل-گىياھ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش پارنىكىدا جۇخارگۈلى ئۈزمەكتە.