2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ئاق قۇلار.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈەن بىڭفېڭ فوتوسى، خەۋىرى): قىش كىرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئاق قۇ ماناس ناھىيەسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا قىشلاش ئۈچۈن ماكانلاشتى، بۇ يىل قىشلىغىلى كەلگەن ئاق قۇلار ئاۋۋالقى يىللارغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى نەچچە ئوندىن ھازىرقى يەتتە-سەككىز يۈزگە يەتتى. سۇلۇق يەردىكى زېرەكچاق ھېسابلىنىدىغان ئاق قۇلار قىش ئايلىرىدا ماناس ناھىيەسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا كېلىپ بۇ جايغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.