توغراق تورى باشئەگىم 11-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋىرى ( ۋېي چېڭيى، جاڭ مېڭجيې): 11- ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شىسى باشئەگىم شەھىرى بىلەن كورلا شەھىرى بىرلىكتە «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبلەرنى تۇتاشتۇردى» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئىككى شەھەردىكى ھەر مىللەت ئامما بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشتەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى كۆڭۈل قويۇپ يازدى.
پائالىيەتتە زامانىۋى ئۇسسۇل، ئەنئەنىۋىي ئۇسسۇل، مىللىيچە ئۇسسۇل، خەلق ئۇسسۇلى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، خور قاتارلىق شەكلى ھەر خىل، مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ئورۇندىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىپلا قالماي، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
كورلا شەھەرلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى جاڭ يىمىڭ مۇنداق دېدى: «بۇنداق پائالىيەتنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىزنىڭ ناخشا سادايىمىز ۋە ئۇسسۇلىمىز ئارقىلىق ھېسسىيات رىشتىمىز ئۆزئارا مەھكەم باغلاندى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم».
باشئەگىم شەھەرلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى ليۇ گۈيخۇا مۇنداق دېدى: «بۇ خىل بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى بىزنىڭ ئىككى كوللېكتىپنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىككى شەھەر خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق».
«بېلىق سۇدىن ئايرىلالمايدۇ، قوغۇن پېلەكتىن ئايرىلالمايدۇ.» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باشئەگىم شەھىرى كورلا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر جاينىڭ زېمىنىنى تەڭ قوغداپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، پۇقرالارنى بېيىتىشتەك تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرا رايوننى ئورتاق قۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى