تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى: «تاماق بۇيرۇتۇش شەكلى»دىكى مۇلازىمەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

«يۇقىرى پەن - تېخنىكىنى دېھقانلار ئىشلىتەلەيدىغان، ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدىغان تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇش، تەجرىبىخانىدىكى بىلىملەرنى دېھقانلارنىڭ پايدىسىغا ئايلاندۇرۇش.» بۇ يىل 10 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئابلىز ئوسمان ئۆمەك باشلاپ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىنىڭ ئالتە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا، «تاماق بۇيرۇتۇش شەكلى»دىكى نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلار بېقىۋاتقان كالا، قويلارنى كەسپىي تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، كالا، قويلارنىڭ بوغاز بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

«يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىزنى باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى، قوزىلار كۆپەيدى، كالا، قويلارمۇ تېز چوڭ بولدى، مېنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىم بار بولدى.» بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ مىجىتنىڭ ئائىلىسى كالا، قوي بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، كىرىمى بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى يەتكۈزۈشى ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

«تاماق بۇيرۇتۇش شەكلى»دىكى نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا مۇجەسسەملەپ، پەن - تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشتىكى مۇھىم تەدبىرى. 2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، ئالىي يېزا ئىگىلىك مەكتىپىلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تىرىشىپ راۋانلاشتۇردى.

مەكتەپنىڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى دېگەندەك تېز بولماسلىق، يېزا - كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىق، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسى دېگەندەك كەڭ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تۈزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ، «تاماق بۇيرۇتۇش شەكلى»دىكى پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئالغا سىلجىتتى. مەكتەپتىكى مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلار پەن تەتقىقات تۈرى(تېمىسى)نى ئىلتىماس قىلىش ھەم تەتقىق قىلىۋاتقان تۈرلەردە پەن - تېخنىكا بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش جەريانىدا، ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، دېھقانلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى، تۇپراق ئورگانىك ئوغۇتىنى ئېچىش - ئەمەلىي قوللىنىش، كالا، قويلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىش، بېقىش، باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇردى.

بۇ مەكتەپنىڭ ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چىن يۇڭ كوللېكتىپى ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرىنىڭ ئىتتىپاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، سولياۋ ئەگمە لاپاستا لازا، جاڭدۇ، سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىش تېخنىكىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتتى؛ مەكتەپ يېمەكلىك ئىلمى ۋە دورىگەرلىك ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جۇ جىنفاڭ كوللېكتىپى خاس جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش ۋە ئېچىش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرت يوقىتىدىغان قارا زىرە، تۈكلۈك كۆكچېچەك، زاراڭزا قاتارلىق 11 خىل خاس جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېرىدى. نۆۋەتتە، مەكتەپ ئاۋات ناھىيەسىدە 16 تۈرلۈك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىنى يولغا قويدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى باش تېما تەربىيەسىدە «تاماق بۇيرۇتۇش شەكلى»دىكى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە بېرىپ تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە يەتكۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھازىرغىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئاۋات ناھىيەسىدە 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق دېھقاننى تەربىيەلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپ قەشقەر شەھىرى، مەكىت ناھىيەسى قاتارلىق ئۈچ ناھىيە، شەھەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەش تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جەمئىي 2000 ئادەم قېتىمغا يېقىن تەربىيەلىدى.

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى شىنجاڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەتقىقات يۇرتى قۇردى. «شىنجاڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەتقىقات يۇرتىنى قۇرۇش مەكتەپنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تېمىسىنى چۆرىدەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيې شۇچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەكتەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىغا پائال ياردەم بېرىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل شەكىلدىكى پەن - تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇمىي خىزمىتىگە كۈچ قوشۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ