تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

مىڭ دېيىڭ: سۈتى بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇۋالغان يىمېڭلىق گاچا ئانا

بۇ، مىڭ دېيىڭ (سولدا)نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شياۋ خەيچۇەن) شەندۇڭنىڭ يىنەن ناھىيەسىگە جايلاشقان «يىمېڭلىق قىزىل يەڭگە خاتىرە سارىيى»غا كىرگەندە، تاملىرى كۆك تاشتىن قوپۇرۇلغان، تۇتۇق سېرىق پاخالدىن يېپىلغان پاكار كەپە ئۆينى كۆرگىلى بولىدۇ. «بۇ خىل پاخال ئۆينى بىز يەرلىك پۇقرالار <نوگايسىمان ئۆي> دەپ ئاتايمىز. ئۇرۇش يىللىرىدا، نۇرغۇن پۇقرالار كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن ئۆي سالالماي، پەقەت تۆت تەرىپىدىن شامال ئۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ خىل ئاددىي تۇرالغۇدا تۇراتتى» دېدى خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى تونۇشتۇرۇپ.

بەلنى ئېگىپ كىرىپ چىقىشقا توغرا كېلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى مۇشۇنداق تار «نوگاي»دا، يىمېڭلىق قىزىل يەڭگە مىڭ دېيىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 8 - ئارمىيەنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىككى جەڭچىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان. خەۋپلىك، جىددىي پەيتتە، ئۇ ئۆزىنىڭ سۈتى بىلەن ئېغىر يارىلانغان پەرزەنت ئەسكەرلەرنى قۇتقۇزۇۋالغان.

مىڭ دېيىڭ 1911 - يىلى شەندۇڭنىڭ يىنەن ناھىيەسىدىكى بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق چاغلىرىدا ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن تىلى چىقماي قالغان؛ 20 ياشلاردا مامۇچى يېزىسى خېڭخې كەنتىدىكى لى كەيتيەنگە ياتلىق بولغان. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تېرىلغۇ يېرىمۇ، ئۆيىمۇ يوق بولۇپ، يۇرتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە كەنت سىرتىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ يېنىغا «نوگايسىمان ئۆي» سېلىپ، قەبرىگە قارىغۇچى بولغان.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى يامراپ كەلگەندە، تاغلار بىلەن ئورالغان بۇ تاغلىق كەنت ئوخشاشلا ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا چەيلەنگەن، شۇنداقلا يىمېڭ پۇقرالىرى بىلەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىگە گۇۋاھ بولغان.

1941 - يىلى، كۈز، قىش مەزگىلىدە، ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسى يىمېڭ تاغلىق رايونىنى ھەدەپ تازىلاپ، يىنەن مامۇچىدا تۇرۇشلۇق 8 - ئارمىيە شەندۇڭ زۇڭدۈيىنىڭ سىلىڭبۇسىنى قورشىۋالغان. 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، 8 - ئارمىيەنىڭ بىر كىچىك جەڭچىسى دۈشمەننىڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن بۆسۈپ چىققاندا ئېغىر يارىلىنىپ، يول بويى دەلدەڭشىگىنىچە قەبرىستانلىق ۋە ئورمانلىقتىن ئۆتۈۋاتقاندا، دەل مىڭ دېيىڭغا ئۇچراپ قالغان. مىڭ دېيىڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالغان كىچىك جەڭچىنى يوشۇرۇپ قويغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئىككى ياپون ئەسكىرى مىلتىقنى بەتلەپ قوغلاپ كەلگەن. ياپون ئەسكەرلىرى مىڭ دېيىڭنىڭ گاچا ئىكەنلىكىنى بايقاپ، كىچىك جەڭچىنىڭ بوي ئېگىزلىكى، كىيىنىشىنى ئىشارەت قىلىپ ئىز - دېرىكىنى قىلغان. مىڭ دېيىڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قىلچە ئىككىلەنمەي كەنت سىرتىدىكى شىشەننى كۆرسىتىپ قويغان.

ئۇلارنىڭ بارغانسېرى يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، مىڭ دېيىڭ ئاندىن 8 - ئارمىيەنىڭ بۇ كىچىك جەڭچىسىگە تەپسىلىي سەپسالغان. ئۇ كىچىك جەڭچىنىڭ قان كۆپ چىقىپ كېتىپ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان مىڭ دېيىڭ ئوت يېقىپ سۇ قاينىتىشقا ئۈلگۈرەلمەي، مەردانىلىك بىلەن كىيىمىنى يېشىپ سۈتىنى كىچىك جەڭچىنىڭ ئاغزىغا بىر تېمىم - بىر تېمىمدىن تېمىتقان. كىچىك جەڭچىنى قۇتقۇزۇۋالغاندىن كېيىن، مىڭ دېيىڭ بىلەن ئېرى ئائىلىسىدىكى بارى - يوق ئىككى توخۇنى سويۇپ شورپا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا بىر يۇتۇم - بىر يۇتۇمدىن ئىچكۈزگەن. ھەر كۈنى مىڭ دېيىڭ يەنە كىچىك جەڭچىنىڭ يۇقۇملىنىپ يىرىڭلىغان يارا ئېغىزىنى تازىلىغان. يېرىم ئايدىن كېيىن، كىچىك جەڭچىنىڭ يارىسى ساقىيىپ قىسىمغا قايتقان.

1943 - يىلىنىڭ بېشىدا، 8 - ئارمىيە شەندۇڭ زۇڭدۈيىنىڭ 13 ياشلىق پەرۋىش خادىمى جۇاڭ شىنمىن سەپداشلىرى بىلەن بىللە «تازىلاش»قا قارشى جەڭدە بىر تەرەپتىن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، بىر تەرەپتىن يارىدارلارنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلغان. تالاپەتنى ئازايتىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك يېشى كىچىكرەك 8 - ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇۋېلىشىنى قارار قىلغان. كېچىدە يۆتكىلىش جەريانىدا جۇاڭ شىنمىن سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، پاناھلىنىۋاتقان نۇرغۇن ئامما بىلەن بىللە ياپون قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. بۇ بىر توپ پۇقرالار ئىچىدە مىڭ دېيىڭنىڭ ئېرى لى كەيتيەنمۇ بار ئىدى.

لى كەيتيەن جۇاڭ شىنمىننىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىنى، بەدىنىنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاتا - بالا بولۇشۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭغا كۆپ غەمخورلۇق قىلغان. ئىككىيلەن ياپون قاراقچىلىرىنىڭ قىستىشىدا بىرەر ئايدەك مەدىكار بولۇشقا مەجبۇرلانغاندىن كېيىن، شەندۇڭ تەيئەندە قويۇپ بېرىلىپ يۇرتىغا قايتقان. ئۇزاق يول يۈرۈش داۋامىدا، ئاجىزلاپ كەتكەن جۇاڭ شىنمىننىڭ يارا ئېغىزى يىرىڭلاپ قىزىتمىسى ئۆرلەپ يانمىغان، لى كەيتيەن ئۇنى يۈدۈگىنىچە دەريا كېچىپ، تاغ ھالقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن.

مىڭ دېيىڭ ئېرىنىڭ بىر ناتونۇش ئادەمنى يۈدۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قىلچە زارلانمىغان. ئەر - خوتۇن ئىككىسى دۈشمەننىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جۇاڭ شىنمىننى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆز ئۆيىنىڭ كەپىسىگە، يېقىن ئەتراپتىكى غارغا، كەنت سىرتىدىكى جىلغىغا يوشۇرغان. ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، جۇاڭ شىنمىن ھايات - ماماتلىق گىردابىدىن تەدرىجىي قايتۇرۇپ كېلىنگەن. يارىسى ساقايغاندىن كېيىن جۇاڭ شىنمىن قايتىدىن قىسىمنى ئىزدەپ تاپقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇاڭ شىنمىن مىڭ دېيىڭ ئەر - خوتۇن بىلەن ئالاقىلەشكەن.

1960 - يىلى، داڭلىق يازغۇچى ليۇ جىشيا مىڭ دېيىڭنىڭ سۈتى ئارقىلىق يارىدارنى قۇتقۇزغانلىقىدەك ۋەقەلىككە ئاساسەن، «قىزىل يەڭگە» دېگەن ھېكايىنى ئىجاد قىلىپ، «قىزىل يەڭگە» دېگەن نامنى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. مىڭ دېيىڭ «يىمېڭلىق تۇنجى قىزىل يەڭگە» دەپ ئاتالغان. مىڭ دېيىڭ 1995 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، بىراق ئۇنىڭ نامى ئۆچمىدى، روھى ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ. ئۇ يىمېڭدىكى قىزىل يەڭگىلەر توپى بىلەن ئىزاھلىغان يىمېڭ روھى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەر روھىنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا، ئۇنىڭ ئوغلى، قىزى، نەۋرىسى قاتارلىقلارمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەربىي سەپكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ