كىشىلەر شىداچياۋ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇياش پارلاپ، شەھەر ئاھالىلىرى بەس-بەستە سىرتلارغا چىقىپ، بەدەن ساغلاملاشتۇرغاچ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئالدى. شىمىگۇ دەرياسى بويىدىكى بېيشەن باغچىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولغاچقا، نۇرغۇن ياۋا ئۆردەكنى بۇ جايغا ماكانلىشىپ ئوزۇق ئىزدەشكە جەلپ قىلدى. ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى مۇخبىرغا بۇ جايدا يەنە دائىم دېگۈدەك ئۇقارلارنى ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خۇڭسەن باغچىسى، خەلق باغچىسىدا ھاۋا ئوچۇق بولسىلا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى بەدەن چېنىقتۇرغاچ، سەيلە قىلىپ ئەتراپتىكى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئالىدىكەن.
كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدىكى خۇڭسەن باغچىسى.
ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، گەنسۇلۇق يىگىت شۈ لىنچىڭ خۇڭسەن باغچىسىغا كېلىپ مەنزىرە تاماشا قىلماقتا.
خەلق باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىسى جاڭ يۈمېي تەيجى گۇمپىسى ئوينىماقتا.
خەلق باغچىسىدا، بىر شەھەر ئاھالىسى يەرگە خەت يازماقتا.
خەلق باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىسى بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
شەھەر ئاھالىسى خۇڭسەن باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.
بېيشەن باغچىسىنىڭ بىر مەنزىرىسى.
بېيشەن باغچىسىدىكى كۆل يۈزىدە نەچچە ئون ياۋا ئۆردەك ئۈزۈپ يۈرمەكتە.
بېيشەن باغچىسىدىكى كۆل يۈزىدە نەچچە ئون ياۋا ئۆردەك ئۈزۈپ يۈرمەكتە.
بېيشەن باغچىسىنىڭ بىر مەنزىرىسى.