تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل سەپەر ھەرىكىتى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل سەپەر ھەرىكىتى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2022- يىلى پاكىز - تۆۋەن كاربونلۇق يېشىل سەپەر مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 13 تارماق ۋە ئورۇن بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېشىل سەپەر ھەرىكىتى پىلانى (2022 − 2019- يىل)نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2022 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئېكولوگىيەلىك - دوستانە، پاكىز - تۆۋەن كاربونلۇق، تۈجۈپىلىك - يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر - قولايلىق يېشىل سەپەر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ھەرىكەت پىلانى» ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىش، ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەمئىي سەككىز قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 22 كونكرېت ھەرىكەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىش جەھەتتە، شەھەرلەر ئارا قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنى تايانچ، ئادەتتىكى تاشيولنى ئاساس قىلغان، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشقان كۆپ قاتلاملىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك - قولايلىق بولغان شەھەرلەر ئارا يولۇچى توشۇش تورىنى بەرپا قىلىپ، ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى، تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى قاتارلىق يولۇچى توشۇش مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك تىرانسپورت شەكىللىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلار ئۇلانما مۇساپە ئۇلانما تىرانسپورتىدا بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، كۆپ كىشىلىك يۈرۈشلۈك بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، ئاممىنى تۈجۈپىلەشكەن سەپەرگە يېتەكلەش كېرەك.

ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ئاممىۋى قاتناشنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شەھەر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاممىۋى قاتناشنىڭ يۈرۈش - تىجارەت سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالدى بىلەن مەركىزىي شەھەر رايونى ھەم قاتناش زىچ رايونلاردا تۇتاشقان، تورلاشقان ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس يولىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ سەپەر تەسىراتىنى ياخشىلاپ، شەھەر قاتنىشى ھەممىباب كارتىسىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېز چىقىم قىلىش، مەۋھۇم كارتىدىن چىقىم قىلىش، يان تېلېفوندا چىقىم قىلىش قاتارلىق نەق پۇلدىن باشقا چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش كېرەك.

«ھەرىكەت پىلانى»دا يەنە ئاستا يۈرۈش قاتناش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى ۋە پىيادىلەر يولىنى پىلانلاپ قۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ مۇۋاپىق يول يۈرۈش بوشلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنىۋېرسال يولۇچى توشۇش تۈگۈنى، رېلىسلىق قاتناش بېكىتى قاتارلىقلارنىڭ ئەتراپىدىكى پىيادىلەر يولى، ۋېلىسىپىت يولىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، بېكەت ھەم ئەتراپتىكى يوللاردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقە تورى ئىجارىلىك ۋېلىسىپىتلەرنى توختىتىشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر قاتنىشىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئالاقە تورى ئىجارىلىك ۋېلىسىپىتلەرنى تارقىتىش كۆلىمى ۋە توختىتىش رايونىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مۇردا ئاپتوموبىل» «تاشلاندۇق ئاپتوموبىل» قاتارلىق ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پەرقلەندۈرۈلگەن قاتناش ئېھتىياجىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كىچىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؛ يېشىل سەپەر جابدۇق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل ئاپتوموبىلنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك؛ يېشىل سەپەر مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېشىل سەپەر تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ