تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنى ياخشى قىلىش

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (8)

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەن چىنيەن، يۈ چياڭفۇ، ليۇ يى

10- ئاينىڭ 27- كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى ئوتتۇرا تىگىن كەنتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تىجارەتچىسى مەمەتئەلى ياسىن ۋە دۇكان خىزمەتچىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توردىن مال زاكاز قىلىشىغا ياردەملەشمەكتە. يوپۇغا ناھىيەسى «دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى»، نۆۋەتتە ھويلا - ئاران يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رايون خاراكتېرلىك يېپىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش سۇپىسى، كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش - سېتىش سۇپىسى ۋە سۈپەتلىك ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭ سۇپىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇلۇپ بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈچ تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق، 16 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلدى، سوممىسى 110 مىليون يۈەن بولدى.

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جېننەن سىزغان)

يوپۇغا ناھىيەسى ئېغىر نامرات ناھىيە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 170 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 136 مىڭ كىشى. تەبىئىي مۇھىتى ئاجىز بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش، كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق ئامىللار شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان. 2014 - يىلى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن ناھىيەدە جەمئىي 68 نامرات كەنت (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر نامرات كەنت 49)، 13 مىڭ 922 ئائىلىلىك 55 مىڭ 820 نامرات نوپۇس بولۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنىڭ %31.29 ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، يوپۇغا ناھىيەسى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 6 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلەتتى، 2018 - يىلىغىچە جەمئىي 10 مىڭ 724 ئائىلىلىك 43 مىڭ 682 نامراتنى ئازايتتى. بۇ يىل 2917 ئائىلىلىك 11 مىڭ 187 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 38 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنى %0.66كە چۈشۈرۈش مۆلچەرلەندى.

10 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا، مۇخبىرلار يوپۇغا ناھىيەسىگە كېلىپ، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاش ئىرادىسى ۋە غەيرىتىگە تولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئېلېكتىرونلۇق سودا: ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى

ئېتىزلىقتىكى چىلانلار پىشىپ، ئۈزۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى، يوپۇغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار يېزىسى ئۇسۇت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قادىر ئىسمائىل زېھنىي كۈچىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئارانىغا سەرپ قىلدى، ئۇ ئاكىسى بىلەن كۆلىمى تەخمىنەن 80 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئەگمە لاپاس ياساپ، پالەك ۋە بەسەي تېرىدى.

«ھويلامدىكى ئىككى پۇڭ يەرگە شوخلا تېرىپ، 1500 يۈەنگە ساتتىم، يەنە باشقا كۆكتاتلارنى تېرىدىم، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ يېيىشىگە يېتىدۇ، بىر يىلدا 500 يۈەندىن ئارتۇق كۆكتات سېتىۋېلىش پۇلىنى تېجەپ قالالايمەن، بۇمۇ كىرىمىمنىڭ ئاشقانلىقى!» 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قادىر مۇنداق دېدى: كىچىك ھويلا - ئاران پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا زور رول ئوينىدى.

كۆكتات تېرىپ قىلىنغان كىرىمنىڭ قادىر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن يەردىكى بۇغداي، چىلانلارغا سېلىشتۇرۇپ، قادىرنىڭ ھويلا - ئاراندا كۆكتات تېرىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئاشتى، ئۇ ئەگمە لاپاستىكى پالەك ۋە بەسەيلەرنىڭ يەنە بىر ياخشى كىرىم ئېلىپ كېلىشىگە ئۈمىد باغلىماقتا.

كۆكتات باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشىمايدۇ، يېڭى پېتى ساقلاش ئاسان ئەمەس، سېتىلىش دەۋرى قىسقا، باھا داۋالغۇشى چوڭ، شۇڭا نۇرغۇن دېھقان تېرىقچىلىق كۆلىمىنى ئاسانلىقچە كېڭەيتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. قادىر ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ بۇنداق ياخشى ئۈنۈم بېرىشى يوپۇغا ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان ھويلا - ئاران يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رايون خاراكتېرلىك يېپىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن.

«بىز كۆكتاتلىرىمىزنى كەنتتە تەسىس قىلىنغان بەلگىلەنگەن يىغىپ سېتىۋېلىش نۇقتىسىغا ئېلىپ بارىمىز، يىغىپ سېتىۋېلىشقا مەسئۇل مەخسۇس ئادەم بار، باھاسىمۇ ياخشى، سېتىشتىن غەم قىلمايمىز.» قادىر مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ھويلا - ئاران تېرىقچىلىقىنى ياخشىلاش ئىشەنچىمنى چىڭىتتى.

كۆكتاتلارنى يىغىپ سېتىۋالىدىغان يوپۇغا ناھىيەلىك جىنلياڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى بولۇپ، كەنتتە تەسىس قىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تور نۇقتىسى بار، دېھقانلار تېرىغان كۆكتاتلارنى يىغىپ سېتىۋېلىپ، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، يەنە بىر قىسىم كۆكتاتلارنى قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلارغا ساتىدۇ.

«بىز پۈتۈن ناھىيەدە 43 يىغىپ سېتىۋېلىش نۇقتىسى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتاتلىرىنى راۋان سېتىشىغا ياردەم بەردۇق.» يوپۇغا ناھىيەلىك جىنلياڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن شۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ مېخانىزمنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل كارخانا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران كۆكتاتلىرىدىن 900 نەچچە توننا يىغىپ سېتىۋالدى.

«نۆۋەتتە بىز تور ۋە تور سىرتى بازىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ كارخانىنىڭ سېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان ھويلا - ئاران كۆكتاتلىرىنى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا تېخىمۇ تېز يەتكۈزۈۋاتىمىز.» چېن شۈ مۇنداق دېدى: كارخانا يان تېلېفون خېرىدار تېرمىنالى ۋە ئۈندىدار سودا شەھەرچىسىنى تەتقىق قىلىپ لايىھەلەشكە باشلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر يان تېلېفون ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى كۆكتاتلارنى زاكاز قىلالايدۇ، كارخانا يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سېتىش - يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ، سېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

ئوخشاشلا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ پايدىسىدا، قەشقەر تۇڭجوۋ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق پاختا يوتقان زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يەتتى، يېقىندا كارخانا بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ، تولۇق نورمىلىق ئىشلەپچىقىرىپ، 10 مىڭ كارىۋاتلىق پاختا يوتقان زاكاز ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«بىز ناھىيە قۇرغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق شەندۇڭدىن كەلگەن زاكازغا ئېرىشىپ، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ پاختا بايلىقىنى شۇ جايدىلا پىششىقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى تاماملىدۇق» دېدى تۇڭجوۋ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل خادىمى ۋاڭ شۈچېڭ.

يوپۇغا ناھىيەسى «دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى»، نۆۋەتتە ھويلا - ئاران يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رايون خاراكتېرلىك يېپىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش سۇپىسى، كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش - سېتىش سۇپىسى ۋە سۈپەتلىك ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭ سۇپىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇلۇپ بولدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈچ تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق، 16 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلدى، سوممىسى 110 مىليون يۈەن بولدى.

خاس كەسىپ: ئامما ئۈچۈن «بېيىتىش مېۋىسى» تىكىلدى

نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا. ئەمما نامرات ئاھالىنىڭ پۇلى يوق، تېخنىكىسى يوق، قانداق قىلىپ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

يوپۇغا ناھىيەسى «ئۈچقات» ھېكايىسى بىلەن بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

يوپۇغا بازىرى توغرا ئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم ئىلياس كۈلۈپ تۇرۇپ تۇتاش كەتكەن ئۈچقات ئېتىزىغا قارىغىنىچە مۇنداق دېدى: «ئۈچقات مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزدىكى <بېيىتىش مېۋىسى>».

«بىز تېرىغان ئۈچقاتتىن بۇ يىل مو بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدۇق.» يوپۇغا ناھىيەلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يۆدا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر چېن مىڭ مۇنداق دېدى: «ئۈزۈش مەزگىلىدە، ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئۈزۈش ھەققى سەككىز يۈەن، بىر ئادەم بىر كۈندە 100 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە پۇل تاپالايدۇ».

«ئۈچقات تېرىپ ئىككىنچى يىلى مو بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 2000 يۈەنگە يېتىدۇ، ئۈچىنچى يىلى 4000 يۈەنگە يېتىدۇ، راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرگەندە مو بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 6000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ.» شىنجاڭ جيۇجيەنپېڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇاڭ خۇڭبىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز يوپۇغا ناھىيەسىدە يېڭى ئۈچقاتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 24 يۈەنلىك باھا بىلەن سېتىۋالدۇق، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە ئۈچ توننىغا يېقىن يىغىپ سېتىۋالدۇق».

«مېۋە خانىشى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەنجۈر يوپۇغا ناھىيەسىدىمۇ دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «ئۈچ مېۋە»نىڭ بىرىگە ئايلاندى. «ئۆيىمىزنىڭ بىر مو ئەنجۈرلۈكىدىن قىلغان كىرىمىمىز 8000 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.» يوپۇغا يېزىسى يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھامۇت ئابدۇرېھىم خۇشال ھالدا «بىز ئەنجۈرگە تايىنىپ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىيالايمىز» دېدى.

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپى يەككە بولۇش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، كەسىپ تەرەققىياتى «بوغما ھالەت»كە كىرىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بۇلتۇر يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپ تەرەپنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئاساسىدا، ئەنئەنىۋى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا خاس ئاساسىي يېتەكچى كەسىپنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا كۈچەپ، زور كۈچ بىلەن چىلان، غەينۇلا، ئەنجۈر ۋە ئۈچقاتتىن ئىبارەت «ئۈچ مېۋە، بىر گۈل»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يوپۇغا ناھىيەسى نۆۋەتتە «ئۈچ مېۋە، بىر گۈل» كەسپىنى 200 مىڭ موغا يېقىن تەرەققىي قىلدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 120 مىڭ مو چىلانلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى، ئەلا سۈپەتلىك غەينۇلادىن 65 مىڭ مو، ئەنجۈردىن 8000 مو، ئۈچقاتتىن 5025 مونى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تىكتى. يەنە 1580 مو كېلىدىغان «ئۈچ مېۋە، بىر گۈل» يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەيدىغان «تەجرىبە ئېتىزى» ۋە «پەن تەتقىقات پونكىتى» قىلدى.

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش: بىر كىشى ئىشلەپ پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا. بۇ يىل يوپۇغا ناھىيەسى «10 مىڭ كىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

بىر كىشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. يوپۇغا ناھىيەسى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان نامراتلار ئۆز كەچۈرمىشلىرى بىلەن بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى.

يەكشەنبە بازار بازىرىنىڭ ئۇسۇت كەنتىدە بىر يېزا - كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخى بار بولۇپ، مەخسۇس داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان داكا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھازىر 52 ئىشچىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 25 كىشى نامرات ئاھالە. 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلار بۇ يېزا - كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كەلدى، 22 ياشلىق ئىشچى مېھرىنىسا مەھەم مۇخبىرلارغا ئۆز ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. مېھرىنىسا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن بولۇپ، ئائىلىسىدە يەتتە جان بار ئىدى، 12 مو يېرىنىڭ بەش موسىغا كېۋەز، يەتتە موسىغا بۇغداي تېرىغانىدى. بۇلتۇر كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش سېخى بار بولدى، ئۇ شۇ زامان تىزىملىتىپ، بىر ئايدا 1500 يۈەن مائاش ئالالايدىغان بولدى. ئۇنى خۇش قىلغىنى زاۋۇت ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغىلا قۇرۇلغان بولۇپ، چۈشتە يەنە ئارام ئېلىش ۋاقتى بار ئىدى، ئۇ ھەم قېيىنئانىسى ۋە ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايتتى ھەم ئىشلەپ پۇل تاپالايتتى. ئېرى غوپۇر ئىمىن كەنتتىكى قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ئۇششاق ئىش قىلىپ، ئەمىن ئۆي سېلىپ بىر كۈندە 120 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىپ، بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايتتى. قېيىنئىنىسى يۈسۈپ ئىمىن ياغاچچىلىق قىلالايدىغان بولغاچقا، كەنتتىكى ياغاچچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ، بىر ئايدا 2500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايتتى، ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تايىنىپلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغانىدى.

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ھەربىر يېزا - بازار، ھەربىر كەنتتە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتىش پونكىتى بار. يەكشەنبە بازار بازىرىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتىش پونكىتىدا، مۇخبىرلار ئىككى چوڭ لوزۇنكىنى كۆردى. بىرسىدە «يېتەكچىلىكنى يەتكۈزۈش، ئىش ئورنىنى يەتكۈزۈش، ماھارەتنى يەتكۈزۈش، سىياسەتنى يەتكۈزۈش» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتىش پونكىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى كۆرسىتىلگەنىدى؛ يەنە بىرسىدە «ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار قول تۇتۇشايلى، يېزىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بىللە ماڭايلى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان دېھقان قېرىنداشلارغا مەدەت بېرىلگەنىدى. مۇخبىرلار بۇ يەردە تۇرسۇن ئالماسنى ئۇچراتتى. ئۇ بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن بولۇپ، داڭلا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن ئىدى. بۇ يىل داڭلا كەنتى كەنت قىياپىتىنى تۈزىدى، بازارلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتىش پونكىتى تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. 3 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ھەر ئايلىق كىرىمى 6500 يۈەنگە يەتتى. مۇخبىرلار بۇ يەردە يەنە ئانارگۈل نۇرنى ئۇچراتتى. ئۇ بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تالبوي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن ئىدى، ئائىلىسىدە بەش جان بار بولۇپ، ئاران يەتتە مو يېرى بار ئىدى، ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى. بۇ يىل 5 - ئايدا، ئۇ ئېرى بىلەن بىرلىكتە بازاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتىش پونكىتى تەرىپىدىن قوشنا كەنتتە يول ياساشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ھەر ئايدا 5500 يۈەن كىرىم قىلدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا 11 - ئايغا قەدەر يەتتە ئاي ئىچىدە 38 مىڭ 500 يۈەن كىرىم قىلدۇق، دېدى.

يوپۇغا ناھىيەسى «بىر كىشىنى تەربىيەلەش، بىر كىشىنى يۆتكەش، بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئائىلىلىكنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تەلىپى بويىچە كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئىش قىلىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان زاپاس ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولۇش، ئەمگەك ئىقتىدارى ئېنىق بولۇش، يۆتكەش مۇددىئاسى ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغىچە 23 مىڭدىن كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىلەردىن بىر ئائىلىدىن بىر كىشى ياكى كۆپ كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 15 مىڭ 200دىن ئاشتى، 6193 كىشىنى ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يوپۇغا ناھىيەسى يېزا - كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالغان نۇرغۇن يېزا ئاياللىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بۇلتۇردىن بۇيان يېزا - كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىن 46نى قۇرۇپ، ھەرقايسى يېزا - بازارلارغا تارقاقلاشتۇردى. ھەربىر يېزا - كەنتتىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 100 - 30گىچە كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولاي بولۇش ئۈچۈن، يەنە يەسلى، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى يانداش قۇرۇپ، 23 كارخانىنى يېزا - كەنتكە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

ئۈمىد يولىنى ئېچىش

ليۇ يى

2014 - يىلى، يوپۇغا ناھىيەسىدە نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %31.29 ئىدى؛ 2019 - يىلى، يوپۇغا ناھىيەسىدە نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنىڭ %0.66كە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەندى. بۇنىڭغا پەقەت بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىندى، بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، جەريانى تولىمۇ مۈشكۈل بولدى.

170 مىڭ نوپۇسى بار يوپۇغا ناھىيەسى قانداق قىلىپ ئاپئاق شورلۇق يەردە ئۆزىگە تەۋە تىرەك كەسىپ بەرپا قىلالىدى؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، يوپۇغا ناھىيەسى بۆسۈپ ئۆتۈشكە، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. پۈتۈن ناھىيە خەلقى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندىكى، يوپۇغا ناھىيەسى باي بولۇشنى ئويلايدىكەن، جەزمەن ئۆز يولىدا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات شەرتىنى قاندۇرالايدىغان، تىرىشچانلىقى ۋە ئەجرىگە يارىشا بېيىيالايدىغان بىر يولنى تاپالايدۇ.

كۆپ قېتىم سىناش جەريانىدا يوپۇغا ناھىيەسى چىلان، غەينۇلا، ئەنجۈر ۋە ئۈچقاتتىن ئىبارەت «ئۈچ مېۋە، بىر گۈل» يېتەكچى كەسپىنى بېكىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەتنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ ئۈمىد يولىنى ئاچتى.

بۇ ئۈمىد يولىدا، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش پۇرسىتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ياخشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك، ئىشەنچىسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تولۇق بولماقتا، بەخت گۈلى يوپۇغا ناھىيەسىدە پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ