تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

زاۋۇت سېخىدا، نامراتلىق بىلەن خوشلىشىش

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (7)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بەي جىيۈ، خې لىڭ، جاۋ چۇنخۇا، ئازات يۈسۈپجان، لۈ يىخەن، تاۋ جىخاۋ

قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىنىڭ شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدا رىتىمى جىددىي ئاقما لىنىيەلەر تۈركۈم - تۈركۈم پىشقان سانائەت ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئۈمىد ئۇرۇقلىرىنى چاچتى. 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى پاختەكلى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئالمىنىسا ئەنۋەر شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ چياۋدىمېڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كەلگۈسىدە قەشقەر شەھىرىدىن بىر يۈرۈش يېڭى ئۆي سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جېننەن سىزغان)

قەشقەر شەھىرى، مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بۇ مۇھىم بازار بۈگۈنكى كۈندە يېڭى بىلەن كونىنىڭ ئالمىشىشى، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ تىركىشىشىگە دۇچ كەلمەكتە.

تېز رىتىملىق زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئىدىيەسى بارىغا قانائەت قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيەگە غايەت زور زەربە ئېلىپ كەلدى، كىشىلەر چىگىش روھىي ھالەت بىلەن كەتمەننى تاشلاپ، يېڭىچە سېخلارغا كىردى.

خۇشاللىنارلىقى شۇكى، قەشقەر شەھىرىگە ئەڭ ماس كېلىشى مۇمكىن بولغان كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋاسىتىسى ئۇنىڭغا قاتناشقان ھەربىر كىشىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدا، ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ھەربىر ئەمگەكچىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن ئەڭ جانلىق ئىزاھات يېزىلدى.

 شەخسكە يۈزلىنىپ، كۈرەش ۋە ئارزۇنى تەسۋىرلەش

ئەۋلادمۇئەۋلاد تايىنىپ ياشاپ كەلگەن ئېتىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، 40 ياشلىق غەيرەت مەمەت بىر يېپيېڭى ساھەدە ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدىكى شىنجاڭ سىچۇاڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، غەيرەت ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى تەكشۈرگەچ، مەسىلىگە يولۇققان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە مەشغۇلات قائىدىسى ۋە مەشغۇلات ماھارىتىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈۋاتاتتى، تۇرقىدىن «مۇتەخەسسىس»لەرچە سالاپەت چىقىپ تۇراتتى.

غەيرەت قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى توقايئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىدى. ئائىلىسىدىكى ئالتە جان كىشى 13 مو يەرگە بۇغداي ۋە كېۋەز تېرىيتتى، خوتۇنى ھەر ئايدا بازارغا بېرىپ كىيىم - كېچەك سودىسى قىلىپ تاپقان پۇلنى قوشقاندا، گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چىقىمىغا يېتەتتى. ئەمما، كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار، دېگەندەك ئۈچ يىل ئىلگىرى غەيرەتنىڭ دادىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى. «شۇ ۋاقىتتا ھەر ئايدا 1000 يۈەندىن كۆپرەك داۋالىنىش، دورا پۇلى كەتكەچكە، كۈنلىرىمىز بىردىنلا غۇربەتلىشىپ كەتتى» دېدى غەيرەت.

بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىردىنلا نامرات ئائىلىلەر قاتارىغا كىرىپ قالغانلىقىدىن غەيرەت ئولتۇرالماي قالدى. «2018 - يىلى 4 - ئايدا، مەن كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ، ئۇلارغا سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈم بارلىقىنى ئېيتتىم.» غەيرەت مۇنداق دېدى: كەنت كادىرلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، مەن ناھايىتى تېزلا سىچۇاڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتىدىن خىزمەت تاپتىم.

«شىركەتكە كىرگەن تۇنجى ئايدىلا، 1800 يۈەن مائاش ئالدىم، ئەينى چاغدا قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى دېمەيلا قويۇڭ» دېدى غەيرەت ئەسلەپ. ناھايىتى تېزلا، ئۇنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشى ۋە تىرىشىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە، مائاشى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بۈگۈنكى كۈندە 3000 يۈەندىن ئاشتى. ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، غەيرەت شىركەت تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىش سېخى 2 - گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

مۇقىم خىزمەتتىن غەيرەت ئۆزىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۆردى، بۇ يىل 2 - ئايدا، ئۇ خوتۇنىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. ھازىر ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ھەر ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدۇ، چوڭلارنىڭ داۋالىنىش، دورا خىراجىتىدىن غەم قىلمايلا قالماستىن، ئاز - تولا ئېشىنىپ ئامانەت قويالايدىغان بولدى.

غەيرەت ئائىلىسىدىكىلەر ئەمدى موھتاجلىقتا قالمايدىغان تۇرمۇش كەچۈرۈپ خۇش بولۇۋاتقان پەيتتە، قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسى بىغئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مەربىگۈل ساتتار «خەجلەيدىغان پۇلى بار بولغان»دىن كېيىنكى ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىغانىدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى، «ئائىلە ئايالى»لىق سالاھىيىتى بىلەن خوشلاشقان مەربىگۈل قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدىكى شىنجاڭ مېيلىئاۋ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، كىيىم پىچىش ئىشچىسىغا ئايلاندى.

ئىككى يىلدا، مەربىگۈل ھەر كۈنى ئوچاق بېشىدىن كېتەلمەيدىغان، ئەزەلدىن ياسانمايدىغان، پۇل خەجلىمەكچى بولسا ئېرىدىن سورايدىغان بىر يېزا ئايالىدىن مودا ياسىنىپ يۈرىدىغان، ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولغان كەسىپكار ئايالغا ئايلاندى، شۇنداقلا كەنتتىكى باشقا ئاياللار ھەۋەس قىلىدىغان ئوبيېكت بولۇپ قالدى. ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان تۇرغۇزغان بولۇپ: «مەن بالامنى ياخشى ئوقۇتۇپ، كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت تاپقۇزىمەن» دېدى.

مەيلى غەيرەت ياكى مەربىگۈل بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئۆز ئائىلىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە ئەتراپىدىكى قولۇم - قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ نامرات ئاھالىلەر نەزەرىنى زاۋۇت سېخى ۋە ئاقما لىنىيەلەرگە ئاغدۇرۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتماقتا.

 كارخانىلارغا يۈزلىنىپ، تۈزۈم ۋە قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

كارخانا تىجارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى پايدا ئېلىش، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، قارىماققا بىر - بىرىگە زىت كەلمەيدىغان بۇ ئىككى نىشاننىڭ ئارقىسىدىكى «ئادەم»لەردىكى پەرق تۈپەيلىدىن، تەرەققىيات جەريانىدا زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. «بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سالاھىيەت ئۆزگىرىشىگە كۆنەلمەسلىكى ئېلىپ كەلگەن خىرىس بولدى» دېدى بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى راستچىللىق بىلەن.

«ئىلگىرى ھەر ئايدا مائاش تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنىلا بەزىلەر ئىشقا كەلمەيتتى، شىركەتتىن رۇخسەتمۇ سورىمايتتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن پۇلىنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە قايتىپ كېلىپ ئىشلەيتتى، بىز بۇنىڭغا ئامالسىز قالغانىدۇق.» سىچۇاڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش 2 - زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى پىڭ لىخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قائىدە ئېڭى كەمچىل ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە يۈزلەنگەندە، شىركەت تىجارەتتە قاتمۇقات بېسىمغا دۇچ كەلدى.

سىچۇاڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتى دۇچ كەلگەن مەسىلە ئايرىم مىسال ئەمەس، مېيلىئاۋ شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى لياڭ شيۇخۇينىڭ قارىشىچە، ئىشچى قوبۇل قىلىش تەس ئەمەس، ئىشچىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش تەس بولۇشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغىنى ئەمەلىيەتتە دېھقان سالاھىيىتىنىڭ ئىشچى سالاھىيىتىگە ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن زەربە ۋە كۆنەلمەسلىك ئىكەن.

پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، تەشكىلىي ئىنتىزامچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق، خىزمەتتە ئالغا ئىنتىلىش روھى يېتەرلىك بولماسلىق، خىزمەتتە پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق... ئىشچى - خىزمەتچىلەردە ساقلىنىۋاتقان ھەربىر مەسىلە كارخانىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. ئەمما كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويغان كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، خىزمەتتە پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

«بىز مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەرجىمانلىققا تەكلىپ قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى توسالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق ھەم تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇردۇق.» پىڭ لىخۇا مۇنداق دېدى: «مائاش تارقىتىلغاندىن كېيىن ئادەم تاپقىلى بولماسلىق» ئەھۋالىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىركەت دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بايرام - دەم ئېلىش كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن مائاش تارقىتىشنى، مائاش تارقاتقاندىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى بايرام - دەم ئېلىش كۈنىدە بازار ئايلىنىپ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقا، دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ داۋاملىق ئىشلەشكە يېتەكلەشنى سىناق قىلدى. «بۇ ئۇسۇل يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سەۋەبسىز ئىشقا كەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى».

باغچە رايونىدىكى كونا كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2015 - يىلىلا كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقان مېيلىئاۋ شىركىتى ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، شۇ جايدىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھازىر 970تىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى نامرات ئاھالە. لياڭ شيۇخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەت قۇرۇلغان بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئىزچىل شۇ جايدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قانداق قىلغاندا ھەقىقىي ئۆسۈپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدۇق.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، مېيلىئاۋ شىركىتى ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، مۇنەۋۋەر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىچكىرى رايونلارغا تەكشۈرۈشكە، ئۆگىنىشكە ئەۋەتىشكە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇرغان، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى زور دەرىجىدە ئاشقان. لياڭ شيۇخۇي مۇنداق دېدى: «شىركەتنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرى بىلەن، بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت غوللۇق ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىپ، سېخنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى».

كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ماھارەت سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمۇ ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى. لياڭ شيۇخۇي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 8 - ئايدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆزلىرى لايىھەلەپ تىككەن كىيىملەرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدە كىيىم - كېچەك لايىھەلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرقەدەر ياخشى دەرىجىگە ئېرىشتى، «بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇلار ئەمدى پاسسىپ ھالدا ئىشلىمەستىن، بەلكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا سىڭىشىپ كەتتى».

 باغچە رايونىغا يۈزلىنىپ، ئۈنۈم ۋە رىقابەتكە ئەھمىيەت بېرىش

دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى باسقۇچ خاراكتېرىدە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، يەنە يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىنىمۇ زىممىسىگە ئالدى. ھالبۇكى بۇ جەرياندا، كارخانىلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىك باشقۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم ۋە زور ئىدى.

«ياخشى كارخانىلارنى نۇقتىلىق يۆلەش، ئوتتۇراھال كارخانىلارنى ياردەم بېرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇردا كارخانىلارنى ۋاقتىدا تازىلاش؛ مەقسەتلىك، قاراتمىلىق ھالدا خېرىدار چاقىرىپ، كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئوخشاش تۈردىكىلەر رىقابىتىنى ئازايتىش؛ بازار مېخانىزمغا كىرىشكە تەدرىجىي يېتەكلەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە كارخانىلارنى ئۆز ئالدىغا تاللاتقۇزۇپ، كارخانىلارغا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا تاللاتقۇزۇپ، ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەش تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك...»

قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ تيەنيۈنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا، كارخانىلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىنغان بولۇپ، «مۇقىملاشتۇرۇش» «خاتىرجەم قىلىش» «بېيىتىش»نى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان تەھلىل پۈتۈن دوكلاتقا سىڭدۈرۈلگەنىدى.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا 38 ئىشچى - خىزمەتچىنى ئىختىيارىي تاللىدۇق، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشى 90 يۈەندىن ئاشىدىغان كىشىدىن ئۈچى بار ئىكەن. بۇ بىر تەرەپتىن، بىزنىڭ ئىشچىلىرىمىزنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىكىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، پائال، تەشەببۇسكار بولسىلا ئىشچىلارنىڭ بىر ئايدا 2000 يۈەن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مائاش ئېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى ۋاڭ تيەنيۈ.

ئىشچىلار كىرىمىنىڭ تۆۋەنرەك بولۇشى، يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا يەنە كارخانىلارنىڭ تىجارىتىدىكى قىيىنچىلىق ۋە تەرەققىياتىدىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇنغان. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئىشچىلارنىڭ ئۇرچۇقسىمان ھەتتا تەتۈر پىرامىداسىمان كىرىم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا كارخانىلارنى تېخىمۇ رىقابەت كۈچى بار قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئەمەلىي كۈچىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بارلىق سوئاللارنىڭ جاۋابى ئەڭ ئاخىرىدا ئۈنۈم دېگەن سۆزگە مەركەزلەشتى.

يېقىندا، بىر قېتىملىق ماھارەت مۇسابىقىسى كەسىپلەر باغچە رايونىدا باشلاندى، ئۈچ كارخانىدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى يەڭنى تۈرۈپ تەق بولۇپ، بىر مەيدان ئۈنۈم جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىشنى باشلىدى. ئۇدا بەش ھەپتە مۇسابىقىلەشكەندىن كېيىن، 1 -، 2 -، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قىممىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى مۇكاپات بۇيۇملىرىغا ئېرىشتى، كارخانا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل «ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش» كەيپىياتى ئاستا - ئاستا پۈتۈن سېختا تارالدى.

«شىركىتىمىزدىكى ئۈچ ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، شېنجېنغا بېرىپ ئۆگىنىشكە تاللاپ ئەۋەتتۇق. تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغان بولۇش، يەنە سىرتلارغا چىقىپ دۇنيانى كۆرۈپ كېلىش، بۇ نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە» دېدى قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسى شىنجاڭ چياۋدىمىڭ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جوۋ خۇا.

شەخستىن كارخانىغىچە، كارخانىدىن باغچە رايونىغىچە، باغچە رايونىدىن پۈتكۈل تەرەققىيات رايونىغىچە ئۈنۈمنىڭ ئالدىن يېتەكلىشىدە، ھەربىر ئادەم تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك بازار رىقابىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشماقتا.

 كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىختىساسلىقلار ۋە تۈزۈمنى ئېلىپ قېلىش

ئەمگەك كۆجۈملەشكەن 36 كارخانا ئورۇنلاشتى؛ 12 مىڭ 500 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالىدىن 4398 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى... ئەگەر رەقەم ئارقىلىق شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئۆلچىگەندە، بۇ بىر مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان نەتىجە بولىدۇ. ئەگەر نەزەرىمىزنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرسەك، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى يەنە كەلگۈسىگە تەرەققىيات ئۇرۇقىنى كۆمۈپ قويدى.

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، مېيلىئاۋ شىركىتىنىڭ 4 - سېخىدا 27 ياشلىق نامرات ئاھالە ئەكبەرجان ئەنۋەر باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتاتتى. سېخ مۇدىرى دۇ ليۇبىڭنىڭ نەزەرىدە، بۇ سەل تارتىنىپراق كۈلىدىغان يىگىت پۈتكۈل سېختىكى تېخنىكا ئۆگىنىشتە ئەڭ ئاكتىپ ئىشچى - خىزمەتچى ئىدى.

«ئۇ دەسلەپ كەلگەن چاغدا ھېچنېمە بىلمەيتتى، لېكىن ناھايىتى ئەستايىدىل، ئىشچان بولغاچقا، دائىم تاماق ۋاقتىدا كېلىپ مەندىن ئۇنى - بۇنى سورايتتى.» دۇ ليۇبىڭ مۇنداق دېدى: بىلمىسە سوراش، ئۇقمىسا مەشىق قىلىش كېرەك، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدىكى ئاز ساندىكى ئەر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئەكبەرجان 2017 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن باشلاپ تېز ئىلگىرىلەپ، يىپ تارتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە شېنجېن كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى رىتىمى جىددىي ئاقما لىنىيەلەر تۈركۈم - تۈركۈم پىشىپ يېتىلگەن كەسىپ ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئۈمىد ئۇرۇقلىرىنى چاچتى. سانسىزلىغان ئەكبەرجانلار بۇ يەردە ئۈستبېشىدىكى توپا - چاڭلارنى قېقىۋېتىپ، ئادەتتىكى ئىشچىدىن تېخنىكا تايانچى، گۇرۇپپا باشلىقى، ھەتتا سېخ مۇدىرى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى. 2016 - يىلىدىن بۇيان، 30 مىڭغا يېقىن كىشى بۇ يەردە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتى ياكى ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسمى بۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يەنىلا ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ئەلۋەتتە، مىكرو جەھەتتىكى ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئوخشاشلا مۇھىم بولغىنى، يەنە ماكرو قاتلامدىكى تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىمۇ بار.

ئۇزاق مۇددەت كادىر ئەۋەتىپ، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەت خىزمەتلىرىگە ھەر تەرەپلىمە، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملەشتى؛ تارماق رايون مەسئۇللىرى، زاۋۇتتا تۇرۇشلۇق كادىرلار ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ھەل قىلدى؛ كارخانا، ئىشچىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش مەخسۇس گۇرۇپپىسى، يېزا - بازار يېتەكلەش ئەترىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ماسلىشىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ تەرتىپلىك جىپسىلىشىشىغا، ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى... شېنجېن كەسىپلەر باغچىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشچىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جاۋ مىڭشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئىككى يىلدا، باغچە رايونى بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىر بار بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن سىرت، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئەلالىرىنى تاللاپ ناچارلىرىنى شاللايدىغان بىر خىل تەقسىمات ئۇسۇلىمۇ شەكىللەندۈرۈلۈۋاتىدۇ.

مەسىلەن، سانىنى ھېسابلاپ نەتىجە - ئۈنۈمنى بەلگىلەيدىغان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، مائاشى يۇقىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە نورمىدىن ئارتۇق مۇكاپات بەردى، تەدرىجىي ئېشىش شەكلىدىكى مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. يەنە مەسىلەن، كىيىم - كېچەك، توقۇمىچىلىق، ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى يانداش كەسىپلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ھالقىمۇھالقا زىچ جىپسىلاشقان قىممەت ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بىز تىرىشچان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىمىز» دېدى ۋاڭ تيەنيۈ.

ئادەمنى ئۆزگىرىشكە يېتەكلەشتىن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇشقىچە، باغچە رايونىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن كەلگۈسى تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكىچە، كۆلىمى بەش كىۋادرات كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان بۇ تۇپراقتا، بىز ھەربىر كىشىنىڭ، ھەربىر كارخانىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرىكىدەكلا كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى ۋە بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايدىغانلىقىنى كۆردۇق.

ئۆزگەرگىنى يالغۇز بىر ئادەملا ئەمەس

جاۋ چۇنخۇا

قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدا، ھەم ھەركۈنى سەھەردە يۈزلىگەن يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ يېزا - كەنتلەردىن زاۋۇتلارغا ماڭغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەم ئاقما لىنىيەلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ئۈن - تىنسىز نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ھاياجانلىنىش بىلەن تەسىرلىنىش گىرەلىشىپ كەتتى، بۇ بەلكىم بۇ مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ھەربىر كىشىگە ئېلىپ كەلگەن زىلزىلىسى بولسا كېرەك.

شىنجاڭ مېيلىئاۋ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئايال ئىشچىسى نۇرگۈل ئەنۋەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئائىلىسىدىن چىقىپ، سانائەت باغچىسىغا كىرگەن ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھايات يولى ئۆزگەرگەنىدى. پۇل تاپالايدىغان بولدى، ياسىنىشنى بىلدى، يەنە ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. قېيىنئانىسىنىڭمۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغىنىدا، ئېھتىمال نۇرگۈلمۇ بىر ئائىلىنىڭ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن.

بىر كىيىمنى ئارتۇق تىكسە، بىر پارچە كىتابنى كۆپ سېتىۋالالايدۇ؛ بىر تىلنى ئارتۇق ئۆگەنسە، دۇنيانى تونۇش ئۇسۇلىدىن بىرى كۆپىيىدۇ... نۇرگۈل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاشلا نۇرغۇن ئائىلىلەر دېھقانلىق سالاھىيىتىنىڭ ئىشچىلىق سالاھىيىتىگە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇچاق ئېچىپ، دەۋرنىڭ چوڭ ئېقىمىغا سىڭىشىپ كەتتى.

ئۆزگىرىش ئەزەلدىنلا زەنجىرسىمان قۇرۇلما ئاساسىدىكى زەنجىرسىمان تەسىرنى ئاساس قىلغان بولىدۇ، نۇرگۈلنىڭ يەسلىدىكى ئوغلى ھەر قېتىم: «ئويۇنچۇقۇمنى ئاپام ماڭا ئىشلەپ تاپقان مائاشىغا ئېلىپ بەرگەن» دېگەن بۇ سۆزنى قىلغاندا، بۇ گۆدەك قەلبكە يوشۇرۇنغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كىممۇ مۆلچەرلەپ بولالىسۇن؟

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ