تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2019 - يىللىق شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى

ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2019 - يىللىق شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئاساسىي لىنىيە، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى يادرو قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇھىم ئورنىنى تولۇق تونۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ساياھەت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىلمىي پىلانلاپ تەرتىپلىك ئېچىش، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەر يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ، تىرىشىپ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ، تەربىيەلەشتە چوقۇم ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ