خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى دۇڭشى بىرلەشمە سۇ زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى سۇ زاۋۇتى ئۈسكۈنىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسىگە سۇ يەتكۈزۈلگەن. قاراقاش ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»ى ئىچىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ بىرى. 2019-يىلى، قاراقاش ناھىيەسى يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىن بەشنى يولغا قويدى، ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى يېزا سۇ زاۋۇتلىرىنى مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۇ تەمىنلەش ئاساسىي تۇرۇبا تورىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ۋە مۇناسىپ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 260 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولدى، بۇ 12 يېزا-بازاردىكى 260 كەنتكە چېتىلىدىغان بولۇپ، 12 مىڭ 824 نامرات ئائىلە، 57 مىڭ 313 نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل بولدى. نۆۋەتتە بەش تۈرنىڭ ھەممىسى تاماملاندى. (جاۋ گې فوتوسى)
خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى دۇڭشى بىرلەشمە سۇ زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىم كومپيۇتېردا ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى دۇڭشى بىرلەشمە سۇ زاۋۇتىدا، لابورانت نىۋىخان ئوسمان سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى دۇڭشى بىرلەشمە سۇ زاۋۇتىدا، لابورانت سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى دۇڭشى بىرلەشمە سۇ زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىم ئەسلىھەنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى چۈشوۋ كەنتىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئابدۇكېرەم تۇردى ئۆيىدە تۇرۇبا سۈيى ئالماقتا (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).