«خەق گېزىتى» (2019-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 1-بېتى)
خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا ئۇدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃20-قا تۆۋەنلەپ، بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىللار قاتنىيالماي قالدى. ئالتاي ۋىلايىتى كۇرتى كەنتىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش يولى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى.
11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى كۇرتى چېگرا ساقچىخانىسى «پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتى»نى قۇرۇپ، ئات چانىسىنى «مەكتەپ ئاپتوموبىلى» قىلىپ، بالىلارنى قېتىم-قېتىملاپ ئاپىرىپ-ئەكېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. (ۋاڭ يوۋبو)