تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لياۋ جۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى پېڭيەن خەۋىرى): «بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مەن 38-تۇەندىكى يەم-خەشەك تېرىقچىلىق بازىسىدىن ئۈچ توننا بېدە ۋە سىلوس كۆممىقوناق سېتىۋالدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېڭىپ پېچەتلەپ قويدۇم. بۇ يىل قىشتا 30 تۇياق قويۇمنىڭ يەم-خەشىكىدىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولىدىغان بولدى!» يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى ئوييايلاق بازىرى سۇتاڭ كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالە مەمەت غېنى بولاق-بولاق سىلوسقا قاراپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.
چەرچەن ناھىيەسى ئوييايلاق بازىرى سۇتاڭ كەنتى بىر چارۋىچىلىق رايونى كەنتى بولۇپ، كەنتتىكى 108 چارۋىچى ئائىلىسى ئاساسلىقى چارۋا باقمىچىلىقى ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدۇ. 2-شى باشئەگىم شەھىرىنىڭ ئوييايلاق بازىرى سۇتاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومېتىت»ى چارۋىچىلىق رايونىنىڭ سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى بولۇق بولۇشتەك تەبىئىي ئەۋزەللىكى ۋە خوتەن، قەشقەرگە يېقىن قوشنا بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەن تەننەرخلىق باقمىچىلىق ئىدىيەسى بويىچە چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پائال تۈردە 2-شى باشئەگىم شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق «بەشتە بىللە بولۇش، بىرنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيىتى مەخسۇس مەبلىغىدىن 500 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، 38-تۇەن بىلەن بىرلىشىپ، تۇەن-چاڭ ئىچىدە 1000 مولۇق يەم-خەشەك تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇپ، سىلوس كۆممىقوناق تېرىدى، تۇەن-چاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يەر تۈزلىدى ۋە ئېتىز پەرۋىشى قىلدى. ھوسۇل پەسلىدە، ئوييايلاق بازىرىدىكى چارۋىچىلار تېرىقچىلىق بازىسىدىن يەم-خەشەكلەرنى بازار باھاسىدىن تۆۋەن باھادا سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن مال-چارۋىلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىگە يەم-خەشەك تەييارلاش ئىشلىرى كاپالەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، تۇەن-چاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى ئاشتى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تېرىقچىلىق بازىسى يىلدا ئوزۇقلۇقى يۇقىرى يەم-خەشەكتىن 500 توننىدىن ئارتۇق، سىلوستىن 3000 توننا ئىشلەپچىقىرىدىكەن. نۆۋەتتە، سۇتاڭ كەنتىدىكى 108 ئائىلىلىك چارۋىچى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە 1.1يۈەن/كىلوگىرام باھادا 120 توننا يەم-خەشەك ساقلىغان. 1.8 يۈەن/ كىلوگىرام بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، 84 مىڭ يۈەن تەننەرخ تېجىلىپ قالغان.
«بىز چارۋىچىلارنىڭ چارۋا باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق سېتىش يولى ئالاقىلىشىپ، نېگىزنى، يىراقنى كۆزلەشكە بولىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىم ئاشۇرۇش يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، چارۋا باقمىچىلىقىنى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ياخشى يول قىلدۇق» دېدى بۇ كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جوۋ شياۋمىڭ.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى