تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى سىزنى كۈتمەكتە

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، پىراكتىكانت قەدىرىيە ئەمەر خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ئالتاي شەھىرىدە باشلىنىدۇ، كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇپ ھەمدە كۆپلىگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، جايلار 439 تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت زىياپىتىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى 2019-يىلى 11-ئايدىن 2020-يىلى 4-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن، پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «شىنجاڭ ياخشى جاي-يىپەك يولىدا بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش، قار-مۇزدىن ھۇزۇرلىنىش». بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمە ۋە سودىنى يادرو قىلىپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى قار ـ مۇز ساياھىتى رايونى ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش ئىكەن.

  پائالىيەت مەزگىلىدە، ئالتاي شەھىرى تۇنجى نۆۋەتلىك «قار-مۇز مەدەنىيەت-سەنئەت ئىجادىيەت مۇنبىرى»دىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك مۇنبەرنى ئۆتكۈزىدىكەن؛ بۇرچىن ناھىيەسى تۇمان سۆڭگىسى بايرىمى ئۆتكۈزىدىكەن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى 14-نۆۋەتلىك قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى ئۆتكۈزىدىكەن؛ كۆكتوقاي ناھىيەسى 9-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى ئۆتكۈزىدىكەن؛ قاناس «قار-مۇز يىلى — قار چېچىش بايرىمى + قۇم كەنتىدە چاغان ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مول قىشلىق ساياھەت بايلىقى ۋە قار تېيىلىش تارىخىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىكەن.

  قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2019-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 17-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى ۋەقەلىكى «قار-مۇز + تەنتەربىيە»نى چۆرىدەپ، 2019 ـ يىللىق ئۈرۈمچى قار ـ مۇز مارافونچە يۈگۈرۈشى، تىيانشان يېڭى يىلىدىكى 1 ـ يۈگۈرۈش، شەھەر ئاھالىلىرى قار ـ مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدىكەن؛ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، نەنشەن كىچىك بازار قاتارلىقلارمۇ ئۆزگىچە مەدەنىي ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغان مەملىكەتلىك تېز تېيىلىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 3-بېكەت پائالىيىتى 2020-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر چاڭغا تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى، 2020-يىللىق شىنجاڭ بويىچە تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق 120 تۈرلۈك قار - مۇز تەنتەربىيەسى پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆرگەزمە كۆلىمى، مەزمۇنى ۋە ئادەم سانى يىلدىن يىلغا كېڭىيىپ، تەسىر كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. 2006 ـ يىلىدىن ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى ئادەم سانى ئاران 900 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، ئون يىل سىجىل بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ سان 30 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ