تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مارالبېشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا تولۇق غەيرەتكە كەلدى

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (5)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەن چىنيەن، يۈ چياڭفۇ، ليۇ يى

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى بوزئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرىمانگۈل ئۇرايىم ئۆيى ئالدىدىكى گۈللەرنى سۇغارماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنداق يېڭى ئۆيدە ئولتۇرغاندا چوقۇم چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇپ ئولتۇرۇش كېرەك.» ھازىرغا قەدەر، بۇ كەنتتە سېلىنىۋاتقان 200 يۈرۈشتىن ئارتۇق ئەمىن ئۆي تولۇق پۈتۈپ، كەنتنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جېننەن سىزغان)

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، مارالبېشى ناھىيەسى دادىللىق بىلەن قول سېلىپ ئىشلەپ، تەدبىرلەرنى سىناق قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنىڭ %27.23 بولۇشىدىن 2018 - يىلىدىكى %6.6كە تۆۋەنلەتتى، بۇ يىل نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنىڭ %0.13كە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مۇخبىرلار مارالبېشى تۇپرىقىغا قەدەم قويۇپ، بۇ يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

 يەرنى ئوبوروت قىلىش −

بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك بولدى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، پارلىنىش مىقدارى زور، قۇملىشىش، شورلىشىش كۆلىمى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %76.35ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، يېرى ئۈنۈمسىز، خەلقى نامرات ئىدى.

2014 - يىلى، پۈتۈن ناھىيەدە 117 نامرات كەنت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر نامرات كەنتتىن 43ى بار ئىدى.

«نامراتلىقنىڭ يىلتىزى» نەدە؟

مارالبېشى ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما كەسىپ ئاساسى ئاجىز بولۇش، پاختىچىلىقتىن ئىبارەت بىر كەسىپلا زور بولۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىم مەنبەسى يەككە بولۇش... نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەبىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، تېرىقچىلىقنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا، دېھقانلارنى مۇقىم بولغان يەر كىرىمىگە ئىگە قىلىش، يەنە ئۇلارنى جاپالىق، ئېغىر ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدىن ئازاد قىلىش؛ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تىرەك قىلىپ، پاختا كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پاختا چوڭ ناھىيەسىنى پاختا كۈچلۈك ناھىيەسىگە ئايلاندۇرۇش؛ ئىشنى يەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشتىن باشلاپ، يەرنى ئوبوروت قىلىشنى يولغا قويۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چۇڭقۇچاق يېزىسى ئاقتوغراق كەنتى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 691 ئائىلىلىك 2361 ئادەم ئىچىدە نامرات ئاھالە 323 ئائىلىلىك 1147 ئادەم ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ كەنت دېھقانلار يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ھەر مو يەرنى ھەر يىلى 500 يۈەن باھا بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 420 مو يېرىنى ئوبوروت قىلدى. دۆڭ - ئازگاللارنى تۈزلەش ئارقىلىق يەر كۆلىمىنى 560 موغا كۆپەيتتى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپى سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىش ھەمدە يەر باشقۇرۇش بويىچە كۆجۈملەشتۈرۈپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قوللىنىپ، شۇ يىلى پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى ئىلگىرىكى 200 كىلوگىرامدىن 380 كىلوگىرامغا ئۆستۈرۈپ، بىر ھەسسە دېگۈدەك قاتلىدى.» بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ئەكبەر ئابلىز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «يەرنى ئوبوروت قىلىشقا قاتناشقان 33 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمى 28 مىڭ يۈەن ئاشتى».

پايدا كۆرگەندىن كېيىن، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئائىلىسىنىڭ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردى. نۆۋەتتە، بۇ كەنتتىكى ئوبوروت قىلىنغان يەر كۆلىمى 6200 موغا يېتىپ، 487 ئائىلىلىك دېھقان ئائىلىسىگە چېتىلدى.

«بۇ يىل ئائىلىمىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ. يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىشتىن بىر ئۈلۈش كىرىم قىلغاندىن باشقا، ئائىلىمىزدىكى يەنە ئۈچەيلەن قوشنا كەنتتىكى پاختا تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە كېۋەزلىكنى پەرۋىش قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بىر يىلدا يەنە 40 - 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز.» كەنت ئاھالىسى مەرىگۈل ئابلىز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا تېخى پاختا تېرىشتىن قىلغان كىرىمنى ھېسابلىمىدۇق، ئۈچ ئاي پاختا تەرسەك، ئۈچەيلەن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 مىڭ يۈەن پۇل تاپالايمىز».

كەنت ئاھالىسى مەخسۇم ئابلەت مەرىگۈلنىڭ گېپىگە ئۇلاپ مۇنداق دېدى: «يەرنى ئوبوروت قىلىش ياخشى ئىكەن، كىرىمىمىز ئىلگىرىكىدىن ئوبدانلا كۆپەيدى».

مەخسۇم ئائىلىسىدە بەش جان بار بولۇپ، ئون مو يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەرگەن، مۇشۇ بىر تۈردىنلا ھەر يىلى 5000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. ئۇ تىراكتور ھەيدىيەلەيدىغان بولغاچقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقلىقىغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ھەر كۈنى 35 يۈەندىن ياردەم پۇل بېرىدۇ، ئايدا مىڭ يۈەندىن كۆپ كىرىم قىلىدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە كۈنلۈك ياردەم پۇل 80 يۈەنگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. خوتۇنى كەنت قۇرغان زاۋۇتتا ئىشلەپ، بىر ئايدا 1000 يۈەندىن كۆپ كىرىم قىلىدۇ.

«خوتۇنۇم بىلەن ھېسابلاپ باقساق، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن» مەخسۇم تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «كۈنلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىدۇ».

ئاقتوغراق كەنتىدە، مەخسۇمغا ئوخشاش بۇنداق كەنت ئاھالىسىدىن يەنە نۇرغۇنى بار. 46 ياشلىق بۇسارە يۈسۈپنىڭ ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۆزى ئۈچ بالىسى بىلەن قالغانىدى. «يەرنى ئوبوروت قىلىش ئائىلىمىزنىڭ ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. مۇقىم كىرىمىمىز بار بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە مېنى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىپ، مېنى قوش كىرىمگە ئىگە قىلدى» سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بۇسارەنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشتى.

«كەلگۈسىدە، بىز دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.» ئەكبەر مۇنداق دېدى: «دېھقانچىلىقتا يۇقىرى ھوسۇل، مۇقىم ھوسۇلغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز يەنە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى ۋە سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمىز».

بۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرىغىچە، مارالبېشى ناھىيەسى 30 يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىپ، 227 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىدۇ، مۇشۇ بىر تۈرلا 23 مىڭ ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

 يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش −

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

ئىشىك ئالدىدىكى زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، چۇڭقۇچاق يېزىسى ئاقتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرنىساگۈل تۇرغۇننىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، ناھىيە بازىرىدا خېلى كۆپ زاۋۇت كۆپىيىپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى بېرىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۇرنىساگۈل يىراققا بارالمىغانىدى: «يېزىدىن ئايرىلىپ ئىشلىسەم، بالىلارنى قانداق قىلىمەن؟»

مارالبېشى ناھىيەسى يىمېي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىدىكى «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» ئاقتوغراق كەنتىگە ماكانلىشىپ، تۇرنىساگۈلنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتتى، ئۇ ناھايىتى تېزلا بىر سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى.

«ئىشىك ئالدىدا ئىشلىسەم ھەم بالىلارغا قارىيالايمەن، ھەم ئىشلەپ پۇل تاپالايمەن، ھەر ئىككى ئىشنى تەڭ قىلالايدىكەنمەن، ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى!» دېدى تۇرنىساگۈل.

نۆۋەتتە، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلاردا 50 «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» بار بولۇپ، مارالبېشى ناھىيەسى يىمېي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىلا چۇڭقۇچاق يېزىسى، يېڭى ئۆستەڭ يېزىسىدىكى ئۈچ كەنتتە «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» تەسىس قىلىپ، 600 نەچچە ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىز قوبۇل قىلغان زاكازدا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، يەنە ئىشچى قوبۇل قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز.» مارالبېشى ناھىيەسى يىمېي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شيۇڭ گاڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئىزچىل قانداق قىلغاندا ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىشىۋاتىمەن».

مارالبېشى ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇڭ ليەنجۈن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىيات يېڭى پىكىر يولى ئېلىپ كېلىپ، بىزگە مەسىلە يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن نامراتلارنى يۆلەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇۋاپىق كەسىپ تەرەققىيات يولى تېپىشنى ئۆگەتتى».

مارالبېشى ناھىيەسى شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىقچىلىقى چوڭ ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مول پاختا بايلىقى مەنبەسى بىلەن نۇرغۇن پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسىنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، نۇرغۇن نامرات ئاھالىنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ يىل 2 - ئايدا قۇرۇلغان مارالبېشى توقۇمىچىلىق شەھەرچىسى كەسىپلەر باغچە رايونى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى. باغچە رايونىغا ماكانلاشقان مارالبېشى ناھىيەسى خېخۇڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى، سىلۇ مىڭجۇ كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىنلىڭياڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 11 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە خېخۇڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى مارالبېشى بازىرى شىنفۇيۈەن مەھەللىسىدە تەسىس قىلغان «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دىلا 300 نەچچە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. «نۆۋەتتە ئىچكىرى رايونلاردىكى كۆپلىگەن چوڭ كارخانا مارالبېشىدا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، مارالبېشى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى <توقۇمىچىلىق شەھەرچىسى>گە ئايلانماقتا» دېدى مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جوۋ جۇڭزەن.

«بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش.» 2016 - يىلىدىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى جەمئىي 65 مىڭ 300 ئادەم قېتىم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 «ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش» −

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا غەيرىتى بار بولدى

سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ بوزئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە راخمان مەخەت بىر - ئىككى يىل ئىچىدىلا كۈنلىرىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى.

راخمان ئائىلىسى دادىسىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بىرمەھەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغانىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى بوزئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مۇ چېن بۇنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ناھايىتى تىت - تىت بولدى، ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نەبىجان قېيۇم بىلەن راخماننى كۆپ قېتىم ئىزدەپ سۆزلىشىپ خىزمەت ئىشلىدى، ئاخىردا ئۇنىڭغا ئىشنى توخۇ بېقىشتىن باشلاش، ئائىلە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپى بەردى.

«مەن سىناپ باقاي.» راخمان ئاز سوممىلىق قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ 200 چۈجە سېتىۋېلىپ، ئائىلىسىنىڭ ياڭاقلىقىدا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. بىر يىل جەريانىدا توخۇ بېقىش كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇ يەنە ئىككى كالا سېتىۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

نامراتلارنى يۆلەشتە ئاۋۋال ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. «كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، ئوقۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشتىن قورقماسلىق كېرەك، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسى ۋە غەيرىتى بولسىلا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق» دېدى مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئايپاشا غوپۇر.

نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا، مارالبېشى ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنى ئەمگەكچان - ئىقتىسادچىل بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، نامراتلىققا تەن بەرمەسلىك ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيەتچان، ئىنتىلىشچان، ئىرادىلىك، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق يېڭىچە دېھقانلاردىن بولۇشقا يېتەكلىدى.

مارالبېشى ناھىيەسى «مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، كەنت (مەھەللە) ئاممىسىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھېكايەمنى ئۆزۈم سۆزلەي» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق، ئەتراپىدىكى ئادەم، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى»نى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

نامراتلارنى يۆلەشتە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەپ، بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چېكىنىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. مارالبېشى ناھىيەسىدە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىدىن 303ى قۇرۇلغان بولۇپ، مەكتەپكە كىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش يېشىدىكى 119 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى تولۇق قوبۇل قىلىنغان، شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان 593 ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىلىپ، نامرات ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئوقۇشتىن چېكىنمەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان.

«نامراتلارنى يۆلەش بىر قاتتىق ۋەزىپە. بۇنىڭدىن كېيىن ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق. ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى بار، ئىقتىدارى بار، چارىسى بار!» دېدى جوۋ جۇڭزەن قەتئىي تەلەپپۇزدا.

كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۇقىم بەختكە ئېرىشىش

يۈ چياڭفۇ

مارالبېشى ناھىيەسىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئۈچ كۈنلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، بىز ھەر بىر كۈندە تەسىراتقا ئىگە بولدۇق.

بۇ ناھىيەنىڭ مارالبېشى بازىرى شىڭفۇيۈەن مەھەللىسىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 813 ئائىلىلىك 3435 نامرات ئاھالە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ نامرات ئاھالىلەر يېزىدىن ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ، كېسەك ئۆيلەردىن بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ.

سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ بوزئېرىق كەنتىدە ئىلگىرىكى توپا تام، كېسەك ئۆيلەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئاقارتىلغان يېپيېڭى خىش ئۆيلەر ئالغانىدى.

چۇڭقۇچاق يېزىسىنىڭ ئاقتوغراق كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى يەرنى ئوبوروت قىلىشتىن قىلغان كىرىمىنى ئالغان بولۇپ، مۇخبىرلارنى ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندۈردى...

ئۇلارنىڭ قەلبى مىننەتدارلىققا تولغانىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىمۇ تولۇپ تاشقانىدى. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقان ئېتىقادقا ئايلانغانىدى.

بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانى يەنە نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش جەريانىدۇر. ئىلگىرى بەزى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىشەنچىسى يوق ئىدى، بۇنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، ئىشلەشكە تېخىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ھازىر بارغانسېرى كۆپ نامرات ئاھالە ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش ئىدىيەسىدىن قۇتۇلدى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، قەددىنى رۇسلاپ، جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى، روھىي قىياپىتىمۇ ياخشىلاندى.

پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا مەزمۇت قەدەم ئېلىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۇقىم بەختكە ئېرىشمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ