شىنجاڭ ئالتاي تاغلىق رايونىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قاناس مەنزىرە رايونىدا ئۇدا تۆت كۈن قېلىن قار ياغدى، بىپايان قارلىق دالا خۇددى غايەت زور سىياھ رەسىمگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. 11-ئاينىڭ 21-كۈنى قار توختاپ ھاۋا ئېچىلىپ، ئىللىق قۇياش نۇرى بىپايان تاغ-دالىلارغا چېچىلدى، كۆپكۆك ئاسمان سۈزۈك ھەم پاكىز بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئىككى-ئۈچتىن ھەمراھ بولۇشۇپ، قارلىق دالىدا قار تاماشا قىلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشتى. مۇز تۇتمىغان قاناس دەرياسىدىن سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئاققان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۈلكە ئاۋازلىرى ئورمانلىقنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى جىمجىتلىقنى بۇزغان ئىدى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى