تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئادەم ئاياغ باسمىغان جاي  چوڭقۇر تاغ ئىچىدىن يول ئېچىش

− گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغ تونېلى قۇرۇلۇشچىلىرى توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

ئالتۇنتاغ ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، يول خەتەرلىك، كىلىماتى ناچار، ئادەم ئاياغ باسمىغان. شىنجاڭدىن چىقىدىغان يېڭى تۆمۈريول ئۆتۈشمە يولىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1000دىن ئارتۇق تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىسى ئۈچ يىل ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، گولمۇدتىن كورلىغىچە بولغان تۆمۈريولدىكى ئالتۇنتاغ تونېلىنى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇپ، ئادەمسىز رايوندا ھەيۋەتلىك كۈرەش مارشىنى پۈتتى.

 نەچچە يۈز ئادەم كەتتى، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئادەم قېپقالدى

چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىدىن چىقىپ، شەرقىي جەنۇب تەرەپكە ئاپتوموبىل بىلەن تۆت سائەتكە يېقىن يول يۈرۈپ، جۇڭگو تۆمۈريول تونېلى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ S6 بۆلىكى تۈر دىرېكتور بۆلۈمىگە كەلدۇق. 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتوموبىلدىن چۈشۈشى بىلەنلا، سوغۇق شامال يۈزىگە ئۇرۇلۇپ، ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى.

«بۇ يەردە شامال كۆپ چىقىدۇ، شامال ئەتىيازدىن قىشقىچە توختىماي چىقىدۇ، شامال چىقسىلا ناھايىتى سوغۇق بولۇپ كېتىدۇ» دېدى S6 بۆلىكىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ گۇاڭكې.

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 73.694 كىلومېتىر كېلىدىغان S6 بۆلىكى ئالتۇنتاغنىڭ ئىچكىرىسىدە بولۇپ، بۇ جاينىڭ قىش پەسلى توققۇز ئايغا سوزۇلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2.5 سېلسىيە گىرادۇس.

ۋاڭ گۇاڭكې مۇنداق دېدى: تېخنىك خادىملار دالىدا ئۆلچەش ئېلىپ بارغاندا، چايداننى ئاچسا، ئىچىدىكى سۇ ئاللىقاچان بىر قەۋەت مۇز تۇتۇپ بولىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنىڭ بەزىلىرىنى 650 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كورلا شەھىرى ۋە 1100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇ ۋە ئازراق كۆكتات سېتىۋېلىشقىمۇ 100 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

قىش پەسلىدە قېلىن قارنىڭ تاغنى، يولنى توسۇۋېلىشى ئادەتتىكى ئىش. «بىر قېتىم قېلىن قار يولنى توسۇۋېلىپ، نەرسە - كېرەكلەرنى توشۇپ كىرەلمەي، كۈندە ياڭيۇ، بەسەيلا يېدۇق، بىر ھەپتىدىن كېيىن ياڭيۇ، بەسەينى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدىغان بولدى» دېدى ۋاڭ گۇاڭكې.

ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە چاڭ - توزانلىق كۈن كۆپ بولىدۇ، بوران ھەش - پەش دېگۈچە خىزمەت ۋە تۇرمۇش رايونىنى چاڭ - توزانغا كۆمۈۋېتىدۇ. «بىز دائىم چاقچاق قىلىپ، <ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە قۇم بىلەن تولۇقلايمىز> دېيىشىمىز» دېدى ۋاڭ گۇاڭكې.

ئالتۇنتاغ دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز بولۇپ، S6 بۆلىكىدىكى تۇرمۇش ۋە قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500 مېتىر كېلىدۇ، تېز ماڭسا روشەن ھالدا دېمى سىقىلىدۇ.

«بۇ مەن خىزمەت قىلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان يولۇققان ئەڭ ناچار قۇرۇلۇش قىلىش مۇھىتى ھېسابلىنىدۇ» دېدى ۋاڭ گۇاڭكې.

بەزىلەر بۇ تۈرگە قاتنىشىپلا بۇنداق ياشاش مۇھىتىنى كۆرۈپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. «بەزىلەر كەتتى، بەزىلەر كەلدى، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ نەچچە يۈز ئادەم كەتتى، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئادەم قېپقالدى» دېدى ۋاڭ گۇاڭكې.

 تونېلدىن كۆپ مىقداردا سۇ چىقتى، ئەمما قىيىن ئۆتكەلدىن بىر - بىرلەپ ئۆتتۇق

تۇرمۇش مۇھىتى ناچار، قۇرۇلۇش قىلىش شارائىتىمۇ ناھايىتى ناچار.

تونېل قېزىشتا نېمىدىن ئەڭ قورقىمىز؟ سۇدىن قورقىمىز. قېرىشقاندەك ئالتۇنتاغ تونېلىدىن سۇ كۆپرەك چىقىپ كەتتى.

«دەسلەپ كەلگەندە قاقاس چۆللۈك ۋە تاغلارنى كۆرۈپ، تونېلدىن نۇرغۇن سۇ چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم» دېدى S6 بۆلىكىنىڭ تۈر دىرېكتورى گو چۈەن.

تونېلنى دەسلەپ قازغاندا، ھەممە ئىش پىلان بويىچە بولدى. كىم بىلسۇن، بۇ يىل 5 - ئايدا تونېلدىن چىققان سۇ مىقدارى شىددەت بىلەن كۆپەيدى. «بەزىدە سۇ ئون مېتىر يىراقلىققا ئېتىلىپ چىقتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈندىلىك سۇ چىقىش مىقدارى 27 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى، بۇ، ئۆلچەملىك ئون سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ سۇ مىقدارىغا باراۋەر» دېدى گو چۈەن.

سۇ چىقىش مىقدارى ئاشقان بولسىمۇ، قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بولمايتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ سۇنى كېچىپ ئىشلەۋەردۇق.

S6 بۆلىكى 3 - تارماق قېزىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لو چاۋبىڭغا سەلدەك ئاققان سۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، «يامغۇرلۇق كىيىم كىيىپ ئۆڭكۈرگە كىرىپ قازىمىز، ئۈستىدىن سۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئايىغىمىز ئاستىمۇ سۇ».

يامغۇرلۇق كىيىم كىيگەن تەقدىردىمۇ، سوغۇق سۇ يەنىلا كىيىم ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ، پاختىلىق چاپان ناھايىتى تېزلا ھۆل بولۇپ كېتىدۇ. بىردەم ئىشلىگەندىن كېيىن، قېزىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىشنى توختىتىپ كىيىمىنى قاقلايدۇ. «ھەر كۈنى توڭلاپ زۇكام بولۇپ قالىدىغانلار بار» دېدى لو چاۋبىڭ. 8 - ئايدا، سۇ چىقىش مىقدارى ئازايدى، ئاخىرى ھەركۈنى سۇغا چىلىشىپ ئىش قىلمايدىغان بولدى.

قۇرۇلۇشنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئىشلاردىن يەنە مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك شارائىتمۇ بار. ئالتۇنتاغ تونېلى قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە كارست، كۆپمە جىنس، ئېگىزلىك كۈچىنىشى ئۇچراپ تۇرىدۇ، پەقەت كېسىپ ئۆتكەن گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە بەلباغلا 11 بولۇپ، قېزىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور ئىدى.

گو چۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قېزىش جەريانىدا قۇرۇلۇش خادىملىرى قاتتىق كۆزىتىپ، ئۆلچەپ، ئالدىن گېئولوگىيەلىك مەلۇمات بېرىشنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس قۇرۇلۇش قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم قاتتىق يولغا قويدى؛ ئىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تاللاپ، باشتىلا تۈۋرۈك قويۇپ قوغداشنى ۋاقتىدا يولغا قويدى؛ ئۇدۇل يۆنىلىشتە لاي قۇيۇش تېخنىكا تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، توسۇش، سۇ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالدىن قوللىنىپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدىكى ھەربىر قىيىن ئۆتكەلنى بىرمۇبىر يېڭىپ، تۇتاشتۇرۇشنى ئاخىر ئىشقا ئاشۇردى.

 ئادەمسىز رايوندىكىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنىدۇ، ئەمما سىگنالنىڭ ئۇلىنىشى «تەلەي» گە باغلىق

ئەگەر ناچار تۇرمۇش مۇھىتى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش شارائىتىنى يەڭگىلى بولىدۇ دېيىلسە، S6 بۆلىكىدە، يېڭىش ئەڭ تەس بولىدىغىنى ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنىش.

ئادەمسىز رايوندا يان تېلېفون سىگنالى يوق، سىگنال ئىزدەش ئۈچۈن، ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دۆلەت يولى بويىغا بېرىشقا، ياكى ياندىكى تۆپىلىكتە «تەلەي سىناش» قا توغرا كېلىدۇ.

كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، تۆپىلىككە ئادەم توشۇپ كېتىدۇ. ئۇلار يان تېلېفونىنى كۆتۈرۈپ، بىردەم مېڭىپ، بىردەم توختاپ، ئازراق سىگنال بولسىلا، دەرھال ئۆيدىكىلەرگە تېلېفون قىلىدۇ. «بەزىدە تېلېفون ئۇلانغان تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپ ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ. بىراق ئۆيدىكىلەر تۇغقانلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى كۆرسە، ھەر ھالدا خاتىرجەم بولىدۇ» دېدى S6 بۆلىكى 3 - تارماق بۆلۈمى توپا - ياغاچ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى گاۋ جەنفېي.

كېيىن قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قىسمەن رايونلاردا ئاخىر بىر قەدەر راۋان سىگنال بار بولدى. گاۋ جەنفېي دائىم ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئۆيدىكى ئىشلارنى سورايدىغان، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى. بىراق ئۇنىڭ يىلدا بىرەر قېتىم قايتىشىمۇ تەس ئىدى، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا، ئۇ ئىككى قېتىملىق چاغاننى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئۆتكۈزدى.

تېلېفوندا سېغىنىشنى بايان قىلغىلى بولسىمۇ، دىدارلىشىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئوغلى تېلېفوندا گاۋ جەنفېيغا مۇنداق دېدى: «دادا، بۈگۈن يەسلىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەممىسى قاتناشتى، مەنلا يالغۇز تۇرۇپ قالدىم، بىراق مەن يىغلىمىدىم، مەن بەك قەيسەرمىكەنمەن؟»

«ئوغلۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ئادەم يوق يەرگە بېرىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم» دېدى گاۋ جەنفېي.

«دېمەيلا قوياي، باشقا تېمىدا پاراڭلىشايلى.» گاۋ جەنفېي كەينىگە بۇرۇلۇپ، يۈزىنى سۈرتتى.

«بىز جاپا تارتمىساق ھامان باشقىلار جاپا تارتىدۇ، بىز بەدەل تۆلىمىسەك ھامان بەدەل تۆلەيدىغانلار چىقىدۇ. كەلگەن ئىكەنمىز چېكىنسەك بولمايدۇ، بۇ خىزمەتكە يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك. ياشانغاندا مەغرۇرلانغان ھالدا ئەۋلادلىرىمغا <قاراڭلار، بۇ تونېلنى مەن ياسىغان> دېيەلەيمەن» دېدى گاۋ جەنفېي.

يەلكىسىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى ئادەمسىز رايوندا چوڭ تاغنى تېشىپ، زور پولات ئەجدىھانى يىراقلارغا ماڭدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ