تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تونېلدىن باشقا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايمىز»

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغ تونېلىدا يېشىل قۇرۇلۇش قىلىندى

«تونېلدىن باشقا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايمىز»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: «مەن ئاۋۋال بىر سەت ئىشنى دەي، بۇ ئىش مېنىڭ كېيىنكى خىزمىتىمدىكى <سەلبىي دەرسلىك> بولۇپ قالدى.» 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغ تونېلى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىش ئۈستىدە توختالغاندا، جۇڭگو جۇڭگو تۆمۈريول تونېل ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ S6 بەلگە تۈرى دىرېكتورى گو چۈەن ئالدى بىلەن «ئائىلە سەتچىلىكى»نى ئاچتى.

ئالدىنقى كۈنى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئۈچ يىل ئالتە ئاي جەڭ قىلىشى بىلەن، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن تونېلى − ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13.195 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالتۇنتاغ تونېلى تۇتاشتۇرۇلدى. تونېل ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قوغداش رايونىدا تىبەت قۇلىنى، تىبەت بۆكىنى، ئاق يەلكىلىك بۈركۈت قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايتتى. بۇنداق يەردە قۇرۇلۇش قىلىشتا ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قانداق قوغداش قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى باشتىن - ئاخىر دۇچ كېلىدىغان بىر چوڭ خىرىس ئىدى.

2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لىنىيە تەكشۈرگەندە، بىپايان چۆل - جەزىرە ۋە قاقاس تاغلارنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك «قۇرۇلۇشقا سۇ كېرەك، سۇ بولمىسا قانداق ئىش قىلغىلى بولسۇن» دەپ ئەندىشە قىلغانىدى. بىر كۈنى، گو چۈەن بىلەن ئىشداشلىرى بىر چەت جايدا بۇلاق سۈيى بارلىقىنى بايقىدى. ئۇ خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي، دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ رېشاتكا بىلەن قاشالاپ قويدى، «گەرچە سۇ بەك ئاز بولسىمۇ، لېكىن يوق بولغاندىن ياخشى، مەن خۇشاللىقىمدىن مۇھىت ئاسراش ئىشىنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن».

ناھايىتى تېزلا، شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىزدەپ كېلىپ: «بۇ يەر قوغدىلىنىدىغان رايون، ئاشۇ ئازغىنا سۇ ھايۋانلارنىڭ سۇ مەنبەسى. سۇ مەنبەسى يوقاپ كەتسە، ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟» دېدى.

«بۇ سۆزلەر مېنى بىردىنلا سەگىتىپ قويدى، ئۆزۈمنى بىر شاپىلاق سالغۇم كەلدى.» بۇ ئىش تىلغا ئېلىنسا، گو چۈەن تا ھازىرغىچە ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ.

ئىشچىلار دەرھال بۇلاق سۈيىنى قاشالاپ قويغان رېشاتكىنى ئېلىۋەتتى، يەنە ئەسكەرتىش تاختىسى ئورنىتىپ، باشقىلارغا سۇ مەنبەسىنى بۇزۇۋەتمەسلىكنى ئەسكەرتتى.

ھايۋانلارنىڭ سۇ ئىچىشى، يۆتكىلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى يەنە مەخسۇس ياۋايى ھايۋانلار ماڭىدىغان نۇرغۇن يولنى ئاچتى. قۇرۇلۇش قىلغاندا ياۋا تۆگە، تىبەت بۆكىنى، ياۋا قوتاز قاتارلىق شۇ جاينىڭ «ئىگىلىرى»نىڭ سۇ مەنبەسىنى ئايلىنىپ ئۆتتى.

قوغدىلىنىدىغان رايوندىن سۇ ئېلىشقا بولمايتتى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقىمۇ سۇ كەم بولسا بولمايتتى، شۇڭا تۈر بۆلۈمى 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن سۇ توشۇدى.

قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 كىشىدىن ئاشاتتى، بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بۇ يەردە قۇرۇلۇش قىلىشىدىن، تۇرمۇشىدىن زور مىقداردا ئەخلەت پەيدا بولاتتى. بۇ ئەخلەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، تۈر بۆلۈمى تۇرمۇش رايونىدا ئەخلەت يۆتكەش پونكىتى ۋە يۇندى تىندۇرۇش كۆلچىكى ياساپ، تۇرمۇش كېرەكسىز سۈيىنى تىندۇرۇش كۆلچىكىگە قويۇپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بەردى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىرتۇتاش ھالدا يېپىق شەكىلدىكى ئەخلەت يۆتكەش پونكىتىغا قويۇپ، قەرەللىك سىرتقا يۆتكەپ بىر تەرەپ قىلدى.

قۇرۇلۇش مەيدانىدا، مۇخبىر يۇندى تىندۇرۇش كۆلچىكى ئۈستىنىڭ ھىم ئېتىلگەنلىكى، غەيرىي پۇراق پۇرىمايدىغانلىقى؛ ئەخلەت يۆتكەش پونكىتى ئىچىدە توشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

يەنە ئالدىغا ماڭغاندا، بېتون ئارىلاشتۇرۇش پونكىتىغا بارغىلى بولاتتى. «قاراڭ، بۇ ئارىلاشتۇرۇش پونكىتىنىڭ قانداق پەرقى بار؟» دېدى گو چۈەن سىرلىق ھالدا، «ئارىلاشتۇرۇش پونكىتىدىكى سېمونت باك ھىم ئېتىۋېتىلگەن، خىزمەت قىلغاندا چاڭ - توزان توزۇمايدۇ».

تونېل ئېغىزىدا، S6 بەلگە تۈرى يۇندىنى تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى كېرەكسىز سۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىغا قويۇپ بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، خالىغانچە قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.

تونېل تۇتاشتۇرۇلدى، كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ، S6 بەلگە تۈرىمۇ بىر «چوڭ ئىش»نى پىلانلاشقا باشلىدى. قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈر بۆلۈمى قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن ئاچقان ۋاقىتلىق يول، قۇرغان تۇرمۇش رايونى قاتارلىق ۋاقىتلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىنى چۇۋۇپ، قۇرۇلۇش قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. گو چۈەن مۇنداق دېدى: «تونېلدىن باشقا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ