تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇش كېرەك

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمەكلىرى ھەرقايسى جايلار، ئورۇنلارغا بېرىپ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

نەچچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش لېكسىيە سۆزلەش ئۆمەكلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى، تۈگۈنلەرنى يەشتى، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى ئاشۇردى.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىجۈن لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى بەردى. جاڭ شىجۈن «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تارىخىي ئورنىنى توغرا تونۇش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئىشەنچىنى چىڭىتىش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق جەھەتلەردىن سىستېمىلىق بايان قىلدى ۋە چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى. لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى يەنە جىڭ ناھىيەسىدىكى بىنخې مەھەللىسىگە كېلىپ سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. بىنخې مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ لۇ مۇنداق دېدى: «لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، زىممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم، تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدىم، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن».

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ئىلھام ئوسمان تۇرپان شەھىرىدە لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ ۋە جانلىق يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى ئىزاھلاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى قانداق ئۆگىنىش، قانداق تەشۋىق قىلىش، قانداق ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى ۋە چۈشەندۈردى. چۈشتىن كېيىن، لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىدىكىلەر تۇرپان خوجوۋ مېۋىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى. سۆھبەت داۋامىدا، ئىلھام ئوسمان پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم ئەھمىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى بەردى. لى جۈەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ 13 روشەن ئەۋزەللىكىنى زىچ چۆرىدەپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى ۋە چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى. لېكسىيە مەزمۇنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئەمەلىيەتكە يېقىن بولۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى. «لېكسىيەنى ئاڭلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ چىڭىدى» دېدى شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر يۈسۈپ. دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لى جۈەن ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى دىڭ شوۋچىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا لېكسىيە سۆزلىدى. دىڭ شوۋچىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئىشەنچىنى چىڭىتىش، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ، ئومۇمىي نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەش، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك لېكسىيە سۆزلىدى. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ شىن مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى پۇرسەت بىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن يەنە ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيا چىڭ، لياڭ لىخۇا، تۇرپان مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جيەنشەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى چېن يۇڭلياڭ، ليۇ شىنجيا، ۋېي پېڭخۇ، جاڭ لىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ