تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24:00تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدە تەييار ماينىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى بۇ يىل ئىچىدىكى 13-قېتىملىق ئۆسۈشنى كۈتۈۋالىدۇ، ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر لىتىرىنىڭ 0.06 يۈەن ئۆسىدۇ. بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەش سىياسىتى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ماي باكى سىغىمى 50 لىتىر كېلىدىغان ئائىلە پىكاپىغا لىق بىر باك 92-نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلىغاندا ئۈچ يۈەن كۆپ چىقىم كېتىدۇ.
11-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ سېتىش شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق باھا تەڭشەشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 6.60 يۈەن/لىتىردىن 6.66 يۈەن/لىتىرغا ئۆسىدىكەن؛ 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 7.10 يۈەن/لىتىردىن 7.16 يۈەن/لىتىرغا ئۆسىدىكەن؛ 98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 7.92 يۈەن/لىتىردىن 7.99 يۈەن/لىتىرغا ئۆسىدىكەن.
دىزېل مېيى جەھەتتە، 0-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ باھاسى 6.22 يۈەن/لىتىردىن 6.28 يۈەن/لىتىرغا تەڭشىلىپ، ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.06 يۈەن ئۆسىدىكەن؛ مەنپىي 35-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ باھاسى 6.91 يۈەن/لىتىردىن 6.98 يۈەن/لىتىرغا تەڭشىلىپ، ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.07 يۈەن ئۆسىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى نۆۋەتلىك باھا تەڭشەش كۆزنىكى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24:00تە ئېچىلىدىكەن.