شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە يۈرۈش ۋە تىجارەت باشلانغانلىقىغا بەش يىل بولغان كۈن. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يۈرۈش ۋە تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى جەمئىي 30 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچىنى بىخەتەر توشۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، ھەر كۈنى لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان پويىزلار ئەڭ دەسلەپكى 6.5 جۈپتىن 43 جۈپكە كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى سۈرئەتلىك پويىز 15 جۈپ. (دىڭ لېي فوتوسى)
لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە يۈرۈش ۋە تىجارەت باشلانغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/11/19 19:35
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.