تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى يامالىق تېغىدا يېشىللىق بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

40 يىل كۆچەت تىكىلىپ، قاقاس تاغ يېشىل ئۆپكىگە ئايلاندى

ئۈرۈمچى يامالىق تېغىدا يېشىللىق بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئەن لىشېڭ (سولدىن 2 - كىشى) ۋە خىزمەتداشلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يامالىق تېغىدا كۆچەت تىكمەكتە.

(مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا، سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يامالىق تېغىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە بوش يەرگە سايباغ رايونلۇق باغ - ئورمانچىلىق ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئەن لىشېڭ ۋە سەپداشلىرى بىرلىكتە 100 تۈپ قىزىل ئېرەن كۆچىتى تىكتى، بۇ دەرەخ كۆچەتلىرىنىڭ تىكىلىشى 40 يىل بوشاشماي كۆكەرتىش، يېشىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ قاقاس تاغ − يامالىق تېغىدا يېشىللاشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

«قاقاس تاغدىن شەھەردىكى باغچىغا ئايلىنىش، چاڭ - توزان مەنبەسىدىن شەھەرنىڭ يېشىل ئۆپكىسىگە ئايلىنىشقىچە، يامالىق تېغىنىڭ يېشىللىق بىلەن تولۇق قاپلىنىشى شەھەردىكى قاقاس تاغنى يېشىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ.

يامالىق تېغى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بوران ئېغىزىغا جايلاشقان، تاغ گەۋدىسىنىڭ %90ى يالىڭاچ تاغ جىنىسلىرى. ئىلگىرى بوران چىقسىلا، چاڭ - توزان بىۋاسىتە شەھەر مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق چاڭ - توزان بىلەن بۇلغىنىش مەنبەسىگە ئايلانغانىدى.

1979 - يىلى، 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىدا ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنىنى كۆچەت تىكىش بايرىمى قىلىش قارار قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شۇ يىلى، يامالىق تېغى ئېتىكىدە ئولتۇرۇشلۇق باھارگۈل مەمەت ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆينىڭ ئالدىغا بىر تۈپ ئاق تېرەك تىككەنىدى. «يامالىق تېغىدا كۆچەت تىكىش تەس، ئاسان تۇتمايدۇ، بىر كۆچەتنى تىكىپ تۇتۇپ قالسا، گۆش يېگەندىنمۇ بەكرەك خۇش بولۇپ كېتىمىز» دېدى باھارگۈل ھاياجانلانغان ھالدا.

ئاھالىلەر ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىدە كۆچەت تىككەندىن سىرت، بەزى ئورۇنلارمۇ ئۆز ئالدىغا تەشكىللىنىپ تاغقا چىقىپ كۆچەت تىكەتتى. «لېكىن ئەينى چاغدا شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، كۆلەم شەكىللەنمىگەنىدى» دېدى يامالىق تېغى جايلاشقان سايباغ رايونىنىڭ مۇئاۋىن رايون باشلىقى ۋاڭ جۈنۋۇ.

1996 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى «يامالىق تېغىنى ئۆزگەرتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېشىل مۇھىت بەرپا قىلىش» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق يامالىق تېغىنى كۆكەرتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز پەسلىدە، ھەر مىللەت ئامما كەتمەن - گۈرجەكلىرىنى دولىسىغا ئېلىپ، چېلەكلەرنى كۆتۈرۈپ، توپا يۆلەپ كۆچەت تىكتى، بۇ مەنزىرە ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولدى. 200 مو، 400 مو، 800 مو... پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى بىلەن، يامالىق تېغى ئاز - ئازدىن يېشىللاشتى.

«يامالىق تېغىنى كۆكەرتىش ئۇنچىۋالا ئوڭۇشلۇق بولمىدى، بۇ جەريان زىددىيەت ۋە تالاش - تارتىشقا تولدى. شەھەر رايونىغا تەۋە يەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆكەرتىلگەندىن كېيىن ئېچىشنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالامدۇ - يوق؛ تاغ ئېتىكىدىكى كەپىلىك رايون كۆكەرتىشكە ئورۇن بوشىتىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.» ۋاڭ جۈنۋۇ مۇنداق دېدى: «يامالىق تېغىنى كۆكەرتىشتە باشتىن - ئاخىر ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يەر ئەڭ زور چەكتە يېشىللاشتۇرۇشقا بوشىتىلدى. 2015 - يىلى، 300 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئاھالە تۇرمۇش كەچۈرگىنىگە كۆپ يىل بولغان كەپىلىك رايوندىن ئايرىلدى. چېقىش - كۆچۈرۈشتىن كېيىن ئەسلىدىكى ئورۇنغا يېڭىدىن باۋشەن باغچىسى بەرپا قىلىندى».

يامالىق تېغىنى كۆكەرتىش، يېشىللاشتۇرۇشتا يەنە سۇ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بوغما ھالەت بۇزۇپ تاشلىنىپ، پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، نېترال سۇنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ سۇغىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يامالىق تېغىدا يەنە كۆچەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى قاتارلىقلار ئورنىتىلىپ، شەھەرلەردىكى قاقاس تاغلارنى يېشىللاشتۇرۇشتا ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1996 - يىلىدىن ھازىرغىچە پۈتۈن شەھەر بويىچە يامالىق تېغىدا كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇمىي سانى مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، جەمئىي 35 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىنغان، 3 مىليون 558 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. 2017 - يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى شەھىرى «تاغقا دەرەخ تىكىش» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، يامالىق تېغىنىڭ يېشىللاشتۇرۇلۇش مىقدارى ئىلگىرىكىدىن 1.77 ھەسسە ئاشقان.

«تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» «دۆلەت ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» «ئۈرۈمچىدىكى يېڭى ئون مەنزىرە رايونى»... بۈگۈنكى كۈندىكى يامالىق تېغىنىڭ جەلپكارلىقى بارغانسېرى ئاشتى. «مەن خۇددى باغچىدا ياشاۋاتقاندەك، ئۆيدىن چىقساملا يېشىللىقنى كۆرەلەيمەن، دېرىزىنى ئاچساملا گۈزەل مەنزىرىنى كۆرەلەيمەن.» باھارگۈلنىڭ يامالىق تېغى ئەتراپىدىكى يېڭى ئۆيىدە كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى.

ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش خەلق تۇرمۇشى ئىشى، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغاندا ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ

لى چۇنشيا

باھاردا تاغلار يېشىللىققا پۈركىنىدۇ، يازدا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، كۈزدە ئورمانلار رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ، قىشتا ئاپئاق قار بىلەن پۈركىنىپ تۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ 40 يىل كۈچ ئۇلاپ كۆكەرتىشى ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندىكى يامالىق تېغىدا قاقاس تاغدىن يېشىل تاغقىچە بولغان غايەت زور ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كىشىلەر يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سالىدىغان، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرايدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئون مەنزىرە رايونىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

مۇھىت خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمانمۇ بەخت دېمەكتۇر. تۇنجى كۆچەت تىكىش بايرىمىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى قوغلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشنى ئاساس رەڭ قىلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قاقاس تاغنى يېشىل تاغقا ئۆزگەرتىشتەك مۆجىزىنى ياراتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يامالىق تېغىنى كۆكەرتىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، پۈتۈن بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ياخشى مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلدى. يامالىق تېغىنى كۆكەرتىشتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جانلىق ئۈلگە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يامالىق تېغى ئۈلگىسىنى ياراتتى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيەدە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلدى. يامالىق تېغى قاقاس تاغدىن يېشىل تاغقا ئۆزگەرتىلىپ، ئاممىغا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىقى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى» ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى.

يامالىق تېغىنىڭ قاقاس تاغدىن يېشىل تاغقا ئۆزگىرىشى جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، بۇرچقا يۈز كېلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى نامايان قىلدى. يېشىللىق كەڭ تەبىئەتنىڭ ئاساسىي رەڭگى، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 -، 90 - يىللىرىدا، يامالىق تېغىدا بىر تۈپ دەرەخنى تىكىپ تۇتقۇزۇش ئۈچۈن، كىشىلەر ئىرادىسىدىن قايتماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «توپا يۈدۈپ تاغقا چىقىپ، سۇ يۈدۈپ تاغقا چىقىپ، كۆچەت يۈدۈپ تاغقا چىقىپ»، ھەر بىر تۈپ كۆچەتنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈردى. ئەگەر يېشىللىققا نىسبەتەن قەتئىي ئىنتىلىش بولمىسا، «تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان مەردانىلىق بولمىسا، يامالىق تېغىنى كۆكەرتىشتە بۈگۈنكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايتتى.

يامالىق تېغىنىڭ قاقاس تاغدىن يېشىل تاغقا ئۆزگىرىشى بايلىقنى تېجەش، مۇھىتنى ئاسراشتىن ئىبارەت يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى. ئۈرۈمچىدە سۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، سۇ يامالىق تېغىنى كۆكەرتىشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان «بوغما ھالەت». بۇ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن، يامالىق تېغىدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلدى، شەھەردىكى پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىنىش ئارقىلىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىشكە بولىدىغان نېيترال سۇغا ئايلاندۇرۇلدى ھەم تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق سۇ تېجەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىلىپ، پۈتۈن تاغنى كۆكەرتىشتە نېيترال سۇ بىلەن سۇغىرىش تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قاقاس تاغنى كۆكەرتىشتە ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

يامالىق تېغىنىڭ قاقاس تاغدىن يېشىل تاغقا ئۆزگىرىشى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى. بۈگۈنكى كۈندىكى يامالىق تېغى شەھەرنىڭ «يېشىل ئۆپكىسى»لىك رولىنى ئويناپ، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ، چاڭ - توزاننى تازىلاپ، شاۋقۇن - سۈرەننى تۈگىتىپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىپ ئارام ئالىدىغان، مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ياخشى مەنزىلگاھى بولۇپ قالدى. يامالىق تېغىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشتىن بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش − ئىنسانلارنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش − ئىنسانلارغا بەخت ياراتقانلىقتۇر.

يېشىل يۇرت - ماكان قۇرۇش كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. يامالىق تېغىنى يېشىللىق بىلەن تولۇق قاپلىتىشتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارغا قارىتا، پەقەت ئىلمىي ئورۇن بەلگىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىساق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلساق، بىز چوقۇم دېرىزىنى ئېچىپ مەنزىرە كۆرەلەيدىغان، ئىشىكنى ئېچىپ يېشىللىقنى كۆرەلەيدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادەتتىن بەھرىمەن بولالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ