شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى 2005- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19- قېتىملىق يىغىنىدا، 2006- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانچىلىق بېجى نىزامى»نى بىكار قىلىش قارار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت دېھقانچىلىققا قارىتا ئايرىم باج ئالمايدىغان بولدى، دۆلىتىمىزدە 2000 يىلدىن ئارتۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قەدىمىي باج تۈرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى.
1958- يىلى 6- ئاينىڭ 3- كۈنى، 1- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 96- قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانچىلىق بېجى نىزامى» ماقۇللانغانىدى.
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، دېھقانلارنىڭ يۈكى مەسىلىسى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، مەركەزنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. 1990- يىلى مەركەز دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى تۇتقاندىن باشلاپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتى ئومۇمەن ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى.
1990- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە، مەركەز دۆلەت بېجىدىن باشقا دېھقانلاردىن ئېلىنىدىغان تۈرلۈك ھەق، جەرىمانە ۋە سېلىق مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى. 1998- يىلى 10- ئايدا، گوۋۇيۈەن يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، يۈكنى يېنىكلىتىشتىن دەل ۋاقتىدا باج - ھەق ئىسلاھاتىغا ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلدى.
يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، باج - ھەق ئىسلاھاتىدا «يېنىكلىتىش، قېلىپلاشتۇرۇش، مۇقىملاشتۇرۇش» نىشانى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى. 2003 - يىلى، مەملىكەت بويىچە بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردە يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، مەركەز مالىيەسىدىن يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتىغا يۆتكەپ ئىشلىتىلىدىغان چىقىم 30 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى.
2004- يىلىدىن باشلاپ، يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، مەركەز دېھقانچىلىق بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق بېجى باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە باشلىدى، يەنە خېيلۇڭجياڭ، جىلىن ئۆلكىسىنى تاللاپ دېھقانچىلىق بېجىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا باشلىدى ھەم كۆك تاماكىدىن باشقا دېھقانچىلىق ئالاھىدە مەھسۇلات بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 2005- يىلى، يەنە چارۋىچىلىق بېجى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە دېھقانچىلىق بېجىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش قارار قىلىندى، قالغان تۆت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى كۆپ ساندىكى ناھىيە، شەھەرلەردە دېھقانچىلىق بېجى كەچۈرۈم قىلىندى.
دېھقانچىلىق بېجىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، يۈز مىليونلىغان دېھقانلارغا كۆرگىلى بولىدىغان ماددىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئازاد قىلدى.