تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لەي يۈنىڭ، جاڭ چىڭخۇا فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، گەرچە قىش پەسلى كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۈز جىلۋىسى قويۇق بولۇۋاتقان شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىدىكى قازانچى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونىنىڭ مەنزىرىسى يەنىلا كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ئالتۇن رەڭلىك كۈز يوپۇرماقلىرىنىڭ روشەنلەشتۈرۈشىدە، شەكلى ھەر خىل، رەڭگى يارقىن تۇرالغۇلار گويا چۆچەكلەر دۇنياسىدىكىگە ئوخشاش گۈزەل كۆرۈنەتتى.
كەچ كۈز مەزگىلىدە قازانچىدا توپ-توپ ساياھەتچىلەرنى ۋە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ناخشا-ئۇسسۇللۇق كۆرۈنۈشنى ئۇچرىتىش ئاسان بولمىسىمۇ، لېكىن داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن تارقاق ساياھەتچىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ كوچا-مەھەللىلەرنى كېزىدۇ، بەزىدە توختاپ سۈرەتكە چۈشىدۇ، ياكى بىر كىچىك ھويلىنىڭ ئالدىدا توختاپ ھويلىنى كۆرۈپ باقىدۇ، ۋەياكى بىر كىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرىپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاچ، قازانچىدىكى ئاستا رېتىمدىن ھۇزۇر ئالىدۇ.
ھازىرقى قازانچىدا قاينام-تاشقىنلىق ئازىيىپ، جىمجىتلىق كۆپىيىپ، گۈزەللىك تېخىمۇ كۆپ جىلۋە قىلدى.
قازانچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، كۆپ مىللەت بۇ يەردە ئۇزاق مۇددەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت شەكىللەندۈرگەن. بۇ يەردىكى ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ شەكلى ھەر خىل، كۆرۈنۈشى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر بۇ يەردە مۇكەممەل گەۋدىلىنىپ، بىرقەدەر تولۇق ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە تۈزۈلۈشىنى ساقلاپ قالغان.
قازانچىدىكى ئۆيلەرنىڭ رەڭگى ھەرخىل بولغاچقا، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قىزىل، كۆك، يېشىل، ئاق رەڭلەر ئاھالىلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان رەڭلەر، بولۇپمۇ كۆك رەڭنى ئىشلىتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ھويلا تېمىغا، ياكى ئۆگزىگە، كۆپىنچە ئىشىك ۋە دېرىزە تەكچىلىرىگە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. كۆك رەڭ ئاساسىي رەڭ بولغاچقا، پۈتكۈل ئىمارەت سىپتا ھەم پاكىز كۆرۈنىدۇ.
كۈز پەسلىدە قازانچى باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ. تىنچ ئاسماندا توپ-توپ كەپتەرلەر لەرزان ئۇچىدۇ، يول بويىدا ئالتۇن رەڭلىك دەرەخ يوپۇرماقلىرى مەيىن شامالدا ئىرغاڭلايدۇ، جاراڭلىق «خادىك» ئاۋازى كوچىدا ئەكس سادا پەيدا قىلىدۇ، كىشىلەر كۈزنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ئەركىن-ئازادە سەيلە قىلىدۇ، پاراڭلىشىدۇ، ھەممە شۇنچىلىك رومانتىك ۋە گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ.
ئىلى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى