تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۇغۇتتىن كېيىن كەيپىياتتا كۆرۈلگەن مەيۈسلىك تۇغۇتتىن كېيىنكى مەيۈسلىك كېسىلىمۇ؟

   تۇغۇتتىن كېيىنكى مەيۈسلىك نۇرغۇن يېڭى ئانىلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما، بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ھودۇقۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، روھىي جەھەتتە سەزگۈر بولۇش، تەشۋىشلىنىش، تېرىككەك بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسىلا، ئۆزىنى تۇغۇتتىن كېيىنكى مەيۈسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشۇم مۇمكىن دەپ قارايدۇ. راستتىنلا مۇشۇنداق بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، تۇغۇتتىن كېيىن كەيپىياتتا كۆرۈلگەن مەيۈسلىك تۇغۇتتىن كېيىنكى مەيۈسلىنىش كېسىلى بولۇشى ناتايىن، بەلكىم قالقانسىمان بەز ياللۇغى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
    ئەمەلىيەتتە، پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلىدار ئاياللاردا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ،  ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بەدىنىدە بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، بەدەندىكى قالقانسىمان بەز بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن گىلوبۇلىن بىر قەدەر كۆپ قالقانسىمان بەز ھورمۇنى بىلەن بىرىكىپ، قاندا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىنىڭ T3، T4گە بولغان ئېھتىياجى ھامىلىدارلىق يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجىي ھالدا %20تىن %50كىچە ئاشىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللاردا ئاسانلا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قالقانسىمان بەزنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئاسانلا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، ھەتتا بالدۇر تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى قايتا تەكشۈرگەندە، ئەگەر TSH كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ، باشقا كۆرسەتكۈچلەر نورمال دائىرىدە بولسا، ئالدىراپ داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ. بەزى ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە قالقانسىمان بەز ياللۇغى ـ قالقانسىمان بەز ئاجىزلاش ـ ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇ، قالقانسىمان بەز ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، پەقەت دەرىجىسى يېنىكرەك بولسىلا داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ خىل ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەل بىر يىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.
    ئۇنداقتا، تۇغۇتتىن كېيىنكى قالقانسىمان بەز ياللۇغىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟ ئادەتتە، تۇغۇتتىن كېيىنكى قالقانسىمان بەز ياللۇغى بىلەن ئاغرىقسىز قالقانسىمان بەز ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىمارلار دائىم ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، قالقانسىمان بەزنى تەكشۈرگەندە ئاندىن ئۆزىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقايدۇ. لېكىن ئاز ساندىكى بىمارلاردا قالقانسىمان بەز ئىششىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن ئىشتىھا ۋە بەدەن ئېغىرلىقىدا بىر قەدەر روشەن ئۆزگىرىش بولسا، نېرۋا سۇلۇق ئىششىقى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
    بىز تۇغۇتتىن كېيىنكى قالقانسىمان بەز ياللۇغىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشىمىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن تۇغۇتلۇق ئاياللار دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە يودنى مىقدارى بويىچە قوبۇل قىلىشى، يودنى قارىغۇلارچە زىيادە تولۇقلىماسلىقى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى ۋە بەدەن ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى، ۋاقتىدا، ئېھتىياج بويىچە قالقانسىمان بەزنى تەكشۈرتۈشى، بولۇپمۇ ئىلگىرى ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك قالقانسىمان بەز كېسەللىك تارىخى ۋە جەمەت خاراكتېرلىك ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك قالقانسىمان بەز كېسەللىك تارىخى بولغان تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشى كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىنكى قالقانسىمان بەز ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولسا، بەك ھودۇقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۇغۇتتىن كېيىنكى قالقانسىمان بەز ياللۇغى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، پەقەت ۋاقتىدا داۋالاپ، يېمەك ـ ئىچمەكنى كونترول قىلسىلا، ھەممىسىنى ساقايتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇتتىن كېيىنكى قالقانسىمان بەز ياللۇغى بىمارلىرى زىيادە كۆپ تاماق يېمەسلىكى، ھاراق، تاماكا، ئاچچىق يېمەكلىك قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇشى، كۆپرەك سۇ ئىچىشى، بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

خەلق توردىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ