تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي، فېڭ شىنخۇا، لىيۇ خاۋ خەۋىرى، فوتوسى) خەيرلىك سەھەر! بۈگۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. ئەتە شىمالدىن كەلگەن كۈچلۈك سوغۇق ئېقىم شىنجاڭغا يېتىپ كېلىدۇ.
سوغۇق ئېقىم كىرىشتىن بۇرۇن بىز بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى ئىللىق ھاۋادىن ياخشى ھۇزۇرلىنىۋالايلى. بۈگۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃3- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئەتە (11-ئاينىڭ 15-كۈنى) كەچتىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.
سوغۇق ئېقىم تىلغا ئېلىنسا، ئەمەلىيەتتە ئۇ قىش پەسلىگىلا خاس ئەمەس، بەلكى بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت، پەقەت ياز پەسلىدىكى سوغۇق ئېقىمنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئومۇمەن بىر قەدەر ئاجىز، شامال كۈچى كۈچلۈك ئەمەس، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىمەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئاسانلىقچە سېزەلمەيدۇ. ھەر يىلى 9- ئايدىن ئىككىنچى يىلى 4- ئايغىچە سوغۇق ئېقىم ئەڭ جانلىق، ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.