تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، سېمىزلىك بىۋاستە قان تومۇرنى زەخمىلەندۈرۈپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن.
ئەنگلىيە ئوكىسفورت داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 1000 نەپەر يۈرەك ئوپىراتسىيەسىنى قوبۇل قىلغان بىمارنىڭ قېنى ۋە توقۇلما ئەۋرىشكىسىگە قارىتا تەھلىل ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە شۇنى بايقىدىكى، سېمىز بىمارلارنىڭ قېنىدىكى WNT5A دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىلنىڭ مىقدارى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە WNT5A سەۋىيەسىگە ئىگە بىمارلار ھەمىشە ئارتېرىيەسىدە تېخىمۇ تېز بولغان داغ پارچىلىرىنىڭ توپلىنىش جەريانىنى نامايان قىلىدىكەن. بۇ داغ پارچىلىرى ماي، كالتسىي ۋە باشقا ماددىلارنىڭ چۆكۈندى ماددىلىرى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئارتېرىيەنى توسۇپ قويۇپ، يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتە بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، قان تومۇر ھۈجەيرىلىرى WNT5A ئاقسىلى ئىچىدە ئاشكارلىنىپ قالسا، بۇ ئاقسىل تېخىمۇ كۆپ «زەھەرلىك ھاسىلات» ئاجرىتىپ چىقىرىپ، داغ پارچىلىرىنىڭ توپلىنىش جەريانىنى تېزلىتىدىكەن.
يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسى دوكتور لىم مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھېچقانداق بىر دورا ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، يېمەكلىك ۋە تەنھەرىكەت مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مۇۋاپىق ئورۇقلاشمۇ يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
جۇڭگو خانىم-قىزلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى