تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بەش ياشتىن كىچىك بالىلار ئالاھىدە تەملىك سۈت ئىچسە بولمايدۇ

  يېقىندا، ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى ئامېرىكا ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى، ئامېرىكا بالىلار چىش كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ ئانا سۈتى، بوۋاقلار سۈت پاراشوكى، سۇ ۋە ساپ سۈتكە قارىتا ھەمدە يېشى (تۇغۇلغاندىن تارتىپ بەش ياشقىچە)غا قاراپ ئىچىملىك ئىچىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تەكلىپتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆل ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار پەقەت ئانا سۈتى ياكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىچسە بولىدۇ؛ ئالتە ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە، ئانا سۈتى ياكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن باشقا، قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا بالىغا ئاز مىقداردا ئىچىملىك سۇ بېرىش كېرەك، يەنى، تاماق يېگەندە بىر نەچچە يۇتۇم ئىچسىلا بولىدۇ. بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئەڭ ياخشىسى مېۋە شەربىتى ئىچمەسلىكى كېرەك؛ 12 ئايدىن 24 ئايغىچە تولۇق قايماقلىق سۈت ۋە ئادەتتىكى ئىچىملىك سۇ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاز مىقداردىكى %100لىك ساپ مېۋە شەربىتى بەرسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئەگەر بىرەر پارچە ھەقىقىي مېۋە بولسا تېخىمۇ ياخشى؛ ئىككى ياشتىن بەش ياشقىچە، سۈت ۋە سۇ ئەڭ ياخشى ئىچىملىك بولۇپ، ئۆزگىچە تەملىك سۈت، ئۆسۈملۈكتىن ئىشلەنگەن ئىچىملىك، كوففېئىن تەركىبلىك ئىچىملىك، قەنت تەركىبى تۆۋەن ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  بۇ تەكلىپنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مۇھىم پايدىلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. مەسىلەن، بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلار مېۋە شەربىتى ئىچمەسلىك، بىر ياشتىن كېيىنمۇ چەكلىك مىقداردا ئىچىش كېرەك، بۇ بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ سۇيۇق ـ سەلەڭ ۋە مايسىز ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئاتا ـ ئانىلار ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىنى بىر قەدەر ساغلام دەپ قارايدۇ، بۇمۇ خاتا قاراش. كۆپ ئۇچرايدىغان پۇرچاق سۈتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ماتېرىيالى سۇ، سېرىق پۇرچاق ۋە ئاق شېكەر بولۇپ، بەزىلىرى مۇشۇ ئاساستا يېمەكلىك تۇزى، سۈت پاراشوكى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنى تەڭشىگەن، ئەمەلىيەتتە قەنت مىقدارى ئۆلچەمدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.

  بەزى بالىلار يەنە كوكۇس سۈتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كوكۇسنىڭ پۇرىقى بار دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە كوكۇس سۈتى كوكۇس شەربىتىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، كوكۇس شەربىتى بىلەن سۈتنىڭ ئارىلاشمىسى ئەمەس، ئۇنىڭغا ئاق شېكەر ۋە يېمەكلىك خۇرۇچى قوشۇلغان. يەر ياڭىقى سۈتى، ئۆرۈك مېغىزى سۈتى، سۇلۇ سۈتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قەنت قوشۇلغان بولۇپ، سۈتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

  بۇ تاتلىق سۈت ئىچىملىكلىرىنى دائىم ئىچكەندە چىش چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بالىلار سۈت ئىچىشكە ئانچە ئامراق بولمىسا، ئۇنىڭ ئورنىغا قېتىق ئىشلەتسە ياكى پۇرچاق تىرىپىنى سۈزۈپ چىقىرىۋەتكەن ساپ پۇرچاق سۈتىنى ئاز مىقداردا قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ