شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى 2003- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى رەسمىي بېسىپ تارقىتىپ، گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بۇرغىسىنى چالدى.
شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرى يېڭى جۇڭگو سانائىتىنىڭ بۆشۈكى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كونا سانائەت بازىلىرىدىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى قوللاش» كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. 2003- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىرنى تارقىتىشى بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 12- ئايدا، گوۋۇيۈەن شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، مەركەز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرقىي شىمال رايونىدا بىر قاتار گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلدى.
تىرىشىش ئارقىلىق، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدە دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەر ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كونا كارخانىلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. بايلىق ئېچىش تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ۋە خارابلاشقان كەسىپلەرگە ياردەم بېرىش مېخانىزمى كۈنسېرى شەكىللەندى. دۆلەت ئىگىلىكىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش قەدىمى تەدرىجىي تېزلەشتى. شەرقىي شىمال رايونىدا پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئىش تەقسىم قىلىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
مۇشۇ ئاساستا، 2007- يىلى 8- ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋاب بېرىشى بىلەن، «شەرقىي شىمال رايونىنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى» ئېلان قىلىنىپ، ئون يىلدىن 15 يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتى كۆزلەنگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، مەركەزنىڭ دېڭىز بويى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇش، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنى ئېچىش ۋە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى يولغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدىن كېيىن، رايون ئىقتىسادىنى ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى.