تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇن، تارماقلار پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ)چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى:

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا خىزمىتىدە تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماي، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنت يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىلارنى سۆيىدىغان، دېھقانلارغا رىشتە باغلىغان يېزا خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈش كېرەك.

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى:

دىققەتنى ئاساسىي كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيەسى قومۇل شەھىرى نوم كۆمۈرچىلىك، كۆمۈر - خىمىيە سانائەت بازىسىدىن تارتىپ، جياڭسۇ چىدۇڭ LNG ئەشيا ئوبوروت ئۆتەڭ بازىسىغىچە، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سۈن گۇاڭشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭدا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى. گۇاڭخۇي گۇرۇھى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىشىغا كۈچەپ ياردەم بېرىپ، تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، پىشاڭ تۈگىتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەيدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۇتقىنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا داۋاملىق كۈچ قوشىدۇ؛ يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى يېڭى تىپتىكى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى تۈرلىرى ئاساسىدا، تېخنىكىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى تۆۋەنگە ئۇزارتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن گۈڭگۈرت - خىمىيە سانائىتى، كوكس مېيىغا ھىدروگېن قوشۇش، كۆمۈر گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ۋە بۇلغىما ئازايتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ. گۇاڭخۇي گۇرۇھى ھەقىقىي تۈردە مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى:

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېقىندا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، زامانىۋىلاشقان «كۆمۈرچىلىك، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە» قاتارلىق يېشىل كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ شەرقىي جۇڭغارنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدۇ، شەرقىي جۇڭغارنى زامانىۋى كۆمۈرچىلىك، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتىدە يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىدۇ.

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى بايلىق تىپىدىكى كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئېكولوگىيە، يېشىل، مۇھىت ئاسراش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئايلانما ئىقتىساد مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. كېيىنكى قەدەمدە، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى «سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئايلاندۇرۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش»نى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىپ بىر تۈركۈمنى ياخشىلاش، ئىنچىكە پىششىقلاپ بىر تۈركۈمنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، كەسىپتە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋاملىق تۈردە خام ماتېرىيالنى تولۇق پىششىقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمى، رايون كەسىپلىرى ئارا ۋە تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامنىڭ ئايلانما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز داشقال قاتارلىق «ئۈچ كېرەكسىز»دىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش تۈرىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى بولغان «بايلىق - مەھسۇلات - كېرەكسىز ماددا»دىن ئىبارەت سىزىقلىق ئىقتىساد ئەندىزىسىنى «بايلىق - مەھسۇلات - ھاسىلىي بايلىق»تىن ئىبارەت يېپىق ھالقىلىق ئىقتىساد ئەندىزىسىگە ئايلاندۇرۇپ، تۇرمۇش ۋە سانائەت ئەخلەتلىرىنى كېرەكسىزدىن گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش، تەكرار پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ يى، ۋاڭ يۈجاۋ، ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شۇچېڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ