تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا لوڭقىسى كوللېكتىپ تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ئەرلەر كوللېكتىپى، ئاياللار كوللېكتىپى بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن لۇڭفېي)2019- يىللىق خەلقئارا تىكتاك توپچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى كوللېكتىپ تىكتاك توپ مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. ئەرلەر كوللېكتىپىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 1:3 نەتىجە بىلەن كورېيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا 8- قېتىم چېمپىيون بولدى. ئاياللار كوللېكتىپىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 0:3 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا 9- قېتىم چېمپىيون بولدى. بۇ يەنە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى كوللېكتىپ تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە قولغا كەلتۈرگەن 10-ئەرلەر كوللېكتىپى چېمپىيونلۇقى، 11- ئاياللار كوللېكتىپى چېمپىيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ