تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش

2001- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، قاتار دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO)نىڭ 4- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش قانۇن ھۆججىتىنىڭ ماقۇللىنىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئاخىر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئەزاسى بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

1986- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمىنى تۈزگۈچى دۆلەتلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى رەسمىي سۇندى. 1995- يىلى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى ئالدى، جۇڭگونىڭ تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتىمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتىگە ئۆزگەردى. 1997- يىلى 8- ئايدا، جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بازار ئىجازىتى سۆھبىتىنىڭ ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ئاياغلاشتۇرغان تۇنجى غەرب دۆلىتى بولۇپ قالدى. 1999- يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ WTOغا كىرىشىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم. 2000- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. 2001- يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو مېكسىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى توغرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك بازار ئىجازىتى سۆھبەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى.

2001- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، قاتار دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 4- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش قانۇن ھۆججىتى ماقۇللاندى، بۇ، 15 يىل جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئاخىر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئەزاسى بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى دۆلىتىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 143- ئەزاسى بولدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىغا ماسلىشىش، خەلقئارا رىقابەت ۋە ھەمكارلىققا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشتىكى ئاكتىپ قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش دۆلىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ